باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.04.13 15:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن جاكارتادىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى تەرەپ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى.

  جۇڭگونىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۈ بۇ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش، تەرەققىي قىلىپ روناق تېپىش جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئېھتىياجى ۋە نىشانى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنى يېڭى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھازىر، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن كېلىشىمنى ئىمزالاپ بولدى، بۇ كېلىشىم بۇ يىل مايدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى غەلىبىلىك تىجارەت باشلىدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قوشنىلار بىلەن بارغانسېرى يېقىنلاشتى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە مۇستەھكەم ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە، ئىستىقبالى كەڭ ھەم پارلاق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر