باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئوبامانىڭ لىۋىيە ھەققىدىكى سىياسىتىنى تەنقىدلىدى

2016.04.13 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى زاخاروۋا تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىدىكى «ئەڭ چوڭ خاتالىقى» لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىش دېگەنلىكىگە باھا بېرىپ: بۇ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بۇنى قانداقسىگە خاتالاشمىدى دېگىلى بولىدۇ دېدى.

  ئوباما «فوكۇس كۈندىلىك خەۋەرلىرى» پىروگراممىسىدىكى سۆھبەتتە: مېنىڭ ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە مۇددىتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم لىۋىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشقاندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە قىلچە پىلان بولمىغانلىقى دېگەن. لېكىن ئۇ شۇ چاغدىكى لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىش قارارىم توغرا دېگەن.

  زاخاروۋا بۇنى تەنقىدلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ قىلمىشى خەلقئارا قانۇن مىزاننى بۇزغانلىق. بىر قانچە يىلدىن كېيىن كۆپچىلىك ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قانداق ئاۋارىچىلىكلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر