باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەتتە دۆلەت گۇرۇھى خىروشىما دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا يادروسىز دۇنيانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى

2016.04.13 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ياپونىيەنىڭ خىروشىمادا يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇساپىرلار كىرىزىسى قاتارلىق قارالمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە يادروسىز دۇنيانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ياپونىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ يىغىننى ئېچىشتىن مەقسەت 26- 27-ماي ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈشتىن ئىبارەت. يىغىندا ئېلان قىلىنغان «يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك خىروشىما خىتابنامىسى»دا مۇنداق دېيىلدى: يەتتە دۆلەت يادروسىز دۇنيا قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈپ، بارلىق دۆلەتلەردىن «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»غا دەرھال قاتنىشىپ، «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

  «خىتابنامە»دە يەنە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىكى يادروغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى تېخىمۇ ئاشكارىلاش تىرىشچانلىقى قارشى ئېلىندى ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر