باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت جۇڭگو نامىدىكى تۇنجى يىغىن زالىغا ئىگە بولدى

2016.04.13 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ما جاۋشۈ 11-ئاپرېل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مۇئېللېر بىلەن جۇڭگو «جۇڭگو زالى»نى سېلىپ بېرىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭگو سېلىپ بېرىدىغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن «جۇڭگو زالى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر سىستېمىسىدىكى تۇنجى جۇڭگو نامىدىكى يىغىن زالى بولۇپ قالىدۇ.

  ما جاۋشۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1954-يىلى يېڭى جۇڭگو تۇنجى بولۇپ قاتناشقان خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك سەھنە جەنۋە. ھازىر، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات ھەمدە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم سېلىپ بېرىدىغان قۇرۇلۇش «جۇڭگو زالى» جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر