باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەزگىللىك مائاشىنىڭ %80تىن تۆۋەن بولمايدۇ، دېدى

2016.04.28 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاپرېل، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بېسىپ تارقاتقان «كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا قىلىشىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: پىراكتىكا ئورۇنلىرى ئۆز ئورنىدىكى ئوخشاش خىزمەت ئورنىنىڭ ئىش ھەققى ئۆلچىمى ۋە پىركتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ خىزمەت مىقتارى، خىزمەت سىجىللىقى، خىزمەت ۋاقتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، پىراكتىكا قىلغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى مۇۋاپىق بېكىتىدىكەن، پىرىنسىپ جەھەتتىن شۇ ئورۇندىكى ئوخشاش خىزمەت ئورنىنىڭ سىناق مەزگىلىدىكى مائاش ئۆلچىمىنىڭ %80تىن تۆۋەن بولمايدىكەن ھەم پىراكتىكا كېلىشىمىگە ئاساسەن، پۇل بېرىش شەكلىدە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق سوممىسى بىلەن ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار مائاشى تۆۋەن ئۆلچىمىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

  بەلگىلىمىدە، كەسپىي مەكتەپلەر ۋە پراكتىكا ئورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلاردىن زاكالەت پۇلى، پىراكتىكا ئىش ھەققى پىرسەنت ئاجراتمىسى، باشقۇرۇش ھەققى ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى پىراكتىكا ھەققى ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىندى. پىراكتىكا قىلغان ئوقۇغۇچى سانى بىلەن پىراكتىكا خىزمەت ئورنىدىكى خادىملار سانىنىڭ نىسبىتىگىمۇ كېلىشىم چىقىرىلدى. پىراكتىكا قىلغان ئوقۇغۇچى سانىنىڭ پىراكتىكا خىزمەت ئورنىدىكى خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ %10تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، كونكېرت ئورۇندىكى پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئوخشاش خىزمەت ئورنىدىكى خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ %20تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بەلگىلىمىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئەھۋاللار، مەسىلەن بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى قاۋاقخانا، كېچىلىك بەزمىخانا، ناخشىخانا، يۇيۇنۇش مەركىزى قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرىدىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا پىراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئېنىق چەكلەندى.

  بەلگىلىمىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىشتىن بۇرۇن كەسپىي مەكتەپ، پىراكتىكا ئورنى، ئوقۇغۇچى ئۈچ تەرەپنىڭ پىراكتىكا كېلىشىمى تۈزۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلىپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەلگىلىمە بويىچە پىركتىكا كېلىشىمى ئىمزالىماي تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى پىراكتىكا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر