باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

16 ئۆلكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى

2016.04.14 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 2014-يىلى 9-ئايدا «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى ئىسلاھات سەھىپىسىنى ئاچتى. شاڭخەي، جېجياڭلار بۇ ئىسلاھاتنى باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلىپ، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئايرىماسلىق، بىر يىلدا كۆپ قېتىم ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى ئىسلاھات لايىھەسىنى كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، جياڭشى، شەندۇڭ، لياۋنىڭ، خېبېي، گۇيجۇ، خۇنەن، خەينەن، گۇاڭشى، گەنسۇ، نىڭشيا، شىزاڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلدى، يەنە شاڭخەي، جېجياڭنىڭ بۇرۇنقى سىناق نۇقتا رايونلىرىمۇ بار، ھازىر مەملىكەت بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان ئۆلكە، شەھەر 16 گە يەتتى، باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرمۇ يولغا قويۇش لايىھەسىنى بۇ يىل ئېلان قىلىدۇ. بىر قاتار لايىھەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى «ئومۇميۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئىسلاھاتى» ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، ئەمەلىي مەشغۇلات باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى نامايان قىلدى.

  قانداق ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ پەنلەرگە ئايرىش، كۆپ مەنبەلىك باھالاش ۋە بىرلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھازىرقى يۈزلىنىشكە ئايلاندى

  جايلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ۋە كونكرېت تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان دەرسلەر سەل ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك نەچچە نۇقتىغا يۈزلىنىدۇ:

  ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ «3+X» تىن «3+3» ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇرۇنقى «3+X» تىكى «X» ئۇنىۋېرسال ئىجتىمائىي پەن ۋە ئۇنىۋېرسال تەبىئىي پەنگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي پەنگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئۈچ دەرستىن، تەبىئىي پەنگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق ئۈچ دەرستىن ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئەندىزىسىدە «يېرىم يېتىلگەن» ئوقۇغۇچىلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغانلار تەبىئىي پەننى بىلمەسلىك، تەبىئىي پەندە ئوقۇغانلار ئىجتىمائىي پەننى بىلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېڭى ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئەسلىدىكى تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلىدىن باشقا بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئۈچ دەرسلىكنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالغان ئەھۋالدا، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئايرىلمايدۇ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ تەلىپى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق دەرسلەردىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆگىنىش سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ ئۈچ دەرسلىكىنى تاللايدۇ.

  «ئىككىنى ئاساس قىلىش، بىردىن پايدىلىنىش» تەك كۆپ مەنبەلىك باھالاش مېخانىزمى، يەنى: بىر تۇتاش ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆگىنىش سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا «مەملىكەت بويىچە بىر خىل ئىمتىھان قەغىزى» بولۇشقا يۈزلىنىپ، 2016-يىلى 26 ئۆلكىدە بىر تۇتاش چىقىرىلغان ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كۆپ جايلار ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى قېتىملىق چەتئەل تىلى ئىمتىھانى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى يۇقىرىراق بىر نەتىجىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈشنى تاللىسا بولىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆگىنىش سەۋىيە ئىمتىھانى لاياقەتلىك ئىمتىھانى ۋە دەرىجە ئىمتىھانى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، لاياقەتلىك ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشىنىڭ ئاساسى؛ دەرىجە ئىمتىھانىدا دەرىجىسى نامايان بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ دەرسلىك ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاشتا، ئاساسلىقى «نومۇرلارغا ئاساس قىلىش» ئۇسۇلىغا قارىتىلغان، باھالاش مەزمۇنى ئىدىيە، ئەخلاق ئەھۋالى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بويىچە تەربىيەلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  قوبۇل قىلىنىش تۈركۈمىنى بىرلەشتۈرۈش. بېيجىڭ، لياۋنىڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار تولۇق كۇرس 3-تۈركۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمگە بىرلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىدۇ؛ خەينەن 1-تۈركۈم، 2-تۈركۈمنى بىرلەشتۈرۈپ، 2020-يىلىدىن باشلاپ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستىن ئىبارەت ئىككى تۈركۈم تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى. ئەنئەنىۋى تولۇق كۇرس تۈركۈمى نومۇر چېكىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى ئالىي مەكتەپلەرنى بىرلىككە كەلگەن مۇنبەرگە يۈزلەندۈرۈپ، پۇقراۋى تولۇق كۇرسلۇق مەكتەپلەر ۋە مۇستەقىل ئىنستىتۇتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «دەرىجىسى» گىلا ئەگىشىپ مېڭىش ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللاشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر