باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىندى

2016.04.15 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11 - ئاپرېل ئاپتونوم رايون «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان، «بەلگىلىمە»دە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «بەلگىلىمە» دە بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تۈركۈم (قېتىم) تەسىس قىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار پىلان قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە تېخىمۇ ئېنىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يەنىلا 7 - ئىيۇندىن 9 - ئىيۇنغىچە ئېلىنىدىكەن. ئىمتىھان ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا خەنزۇ تىلى (خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان مىللىيلار)، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، قىرغىز تىلى، موڭغۇل تىلى، قوش تىل بويىچە ئېلىنىدىكەن، چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلى ئېغىزچە سىناق ئىمتىھان ئېلىنمايدىكەن؛

  ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە رەت تەرتىپى، ھەر قايسى تىل، تۈركۈملەرنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرىدىكەن. بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، 24 - ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن رەت تەرتىپى ئېلان قىلىنىدىكەن، 26 - ئىيۇن ھەرقايسى تىل تۈركۈملىرى بويىچە ئەڭ تۆۋەن نومۇر كونترول چېكى ئېلان قىلىنىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نەتىجىسى، رەت تەرتىپى، ئەڭ تۆۋەن نومۇر كونترول چېكىنى بىلگەندىن كېيىن، نۆلىنچى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرسقا 28 - ئىيۇن سائەت 20گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، باشقا تۈركۈمدىكىلەرگە 1 - ئىيۇل سائەت 20گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن؛

  ئۈچىنچى، بۇ يىلدىن باشلاپ ئارزۇ كۆپەيتىلىپ، تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمدە يەتتە كەسىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدە يەتتە كەسىپ، ئۈچىنچى تۈركۈمدە ئالتە كەسىپ تولدۇرۇشتىن توققۇز كەسىپ بويىچە تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشقا، ئالىي (كەسپىي) تېخنىكوم مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈرى بىرلەشتۈرۈلۈپ، توققۇز تەڭداش ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئۆزگەرتىلىدىكەن ھەم بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۆۋەندىكى 11 تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. (1) تولۇق كۇرس بىرىنچى، ئىككىنچى تۈركۈملەرنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمى (تولۇق كۇرس نۆلىنچى تۈركۈم)؛ (2) نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمى؛ (3) ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمى؛ (4) تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمى؛ (5) نامرات رايونلاردىكى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمى؛ (6) تولۇق كۇرس ئىككىنچى تۈركۈمى؛ (7) تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمىنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمى؛ (8) جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمى؛ (9) تولۇق كۇرس ئۈچىنچى تۈركۈمى؛ (10) ئالىي (كەسپىي) تېخنىكومنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمى؛ (11) ئالىي (كەسپىي) تېخنىكوم تۈركۈمى قاتارلىقلار؛

  تۆتىنچى، بۇ يىلمۇ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئاشكارا ئارزۇ توپلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەم ئارزۇنى ئۆزگەرتسە بولىدىكەن. 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇشتا تولۇق كۇرس بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى تۈركۈملىرى ۋە ئالىي (كەسپىي) تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشلىنىدىكەن ۋە شۇ مەزگىلدە، تولۇقلاپ تولدۇرغان ئارزۇنى ئۆزگەرتىشكە بولىدىكەن؛

  بەشىنچى، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان، خەنزۇ تىلى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق 11 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتا - ئانىسى ئىككىلا تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولسا 50 نومۇر، بىر تەرەپ ئازسانلىق مىللەت بولسا ئون نومۇر قوشۇپ بېرىلىدىكەن؛

  ئالتىنچى، ناتوغرا يوللار بىلەن نوپۇس يۆتكىگەن، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يالغان ئىسپات بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغدىلىدىكەن؛

  يەتتىنچى، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قولايلىق مۇلازىمەت يولغا قويۇلۇپ، مېيىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  «بەلگىلىمە»نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn) دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن ۋە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى» شىنلاڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى ۋە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى (xjzs140304) ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر