باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى

2016.04.29 12:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى 22 – ئاپرېل تاشكەنت دۆلەت ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت خادىملىرى، سودا – سانائەت ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا چارە – تەدبىر كۆرسەتتى.

  تاشكەنت دۆلەت ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بورتابايېۋ سۆز قىلغاندا ئۇزاق تارىخقا ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پاراۋوزىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور، دېدى. ئۆزبېكىستان – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. بۇ جەرياندا ئانگىرىن – پاپ تۆمۈريولىدىكى تونېل تۈرى زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگونىڭ ‹‹خۇاۋېي›› شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز شىركىتى، ‹‹پېڭشېڭ›› شىركىتى، ‹‹جۇڭشىڭ›› ئالاقىچىلىك شىركىتى قاتارلىق مۇنەۋۋەر كارخانىلار ئۆزبېكىستانغا پائال مەبلەغ سېلىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

  شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى رۇسىيە – ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پەن داۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹يىپەك يولى›› ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگودىن باشلانغان، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇقتىكى سودا يولى. يىپەك يولى›› نى قايتا قۇرۇشتىكى مەقسەت جۇڭگو بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا بازىرىنى تېخىمۇ ئەلا مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇقىم تەرەققىي قىلىش، دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە يېقىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر – بىرىنى تولۇقلىيالايدۇ. ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن لىجيې مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ دوستانە ئالاقە قىلىۋاتقىنىغا ئۇزاق زامانلار بولدى، يىپەك ۋە چاي قاتارلىق مەھسۇلاتلار سودىسى نەچچە مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى دەل ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە پائال ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگو – ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى چوقۇم پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر