باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.05.03 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 29-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ مۇرەككەپ شارائىتىدا، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە پائال ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت رېتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى. 1-پەسىلدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەر نىشانغا يېتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق ئارىلىقنى ساقلىدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى ياخشىلاندى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ نىسبىتى داۋاملىق ئېشىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بازارلىشىش نىسبىتى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىشقا ئېتىبار بېرىدىغان قىسمەن رايونلارنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئاشتى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، جايلار، تارماقلارنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا بولغان تونۇشى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۈنۈمى تەدرىجىي روشەنلەشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ يەنىلا ئېغىرلىقى، قىسمەن ئەمەلىي كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنىڭ يەنىلا قىيىنلىقى، بازار خەۋپىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. ساقلانغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سالماقلىق بىلەن ئانالىز قىلىپ، قاراتمىلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئۇزاق داۋام قىلىدىغان ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر