باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2016.04.28 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېفېي، 27- ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپى نامايان قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ھەرىكەت قوللانمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى يول ئېچىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كۈچەپ يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ 24- ئاپرېلدىن 27- ئاپرېلغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شۆجۈن، ئۆلكە باشلىقى لى جىنبىننىڭ ھەمراھلىقىدا ليۇئەن، چۇجۇ، خېفېي قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، يېزا، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات- مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  دابېيشەن تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ليۇئەن شەھىرىنىڭ جىنجەي ناھىيەسى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى. شى جىنپىڭ 24- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىن خېفېيغا بېرىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا بىر يېرىم سائەت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، جىنجەي ناھىيەسىنىڭ قىزىل ئارمىيە مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى، جىنجەي ناھىيەلىك قىزىل ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى، جىنجەي ناھىيەلىك ئىنقىلابىي مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئۇرۇش يىللىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە جىنجەي خەلقى قورقماس پىداكارلىق روھى بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئەبەدىي نۇر چاقناپ تۇرىدىغان تۆھپە ياراتتى، بىز پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئىنقىلابىي گېننى ئۇلارنىڭ قېنىغا، يۈرىكىگە سىڭدۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ 24- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن تاغ يولىنى بويلاپ ئاپتوموبىلدا بىر سائەت يول يۈرۈپ جىنجەي ناھىيەسىنىڭ خۇاشى يېزىسى داۋەن كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ نامرات ئائىلىلەردىن چېن زېپىڭ، ۋاڭ نېڭباۋ، ۋاڭ داۋېي، ۋاڭ داكەي، چېن زېشېننىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە ئۆي سەرەمجانلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، نامراتلىق سەۋەبىنى، نامراتلىق دەرىجىسىنى ئىگىلىدى، نامراتلارنى يۆلەش قوللانمىسىدىن بېكىتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆردى.

  شى جىنپىڭ دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. يۇرتداشلار تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بېيىش يوللىرىنى تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىپ ھەل قىلىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىردى، شۇڭا بۇنى چوقۇم بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە چىڭ تۇتۇش كېرەك. نىشان- مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر تۈر، ھەر بىر تەدبىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق خەلققە بەرگەن ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  چۇجۇ شەھىرىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتى مەملىكىتىمىزدىكى داڭلىق چوڭ ھۆددە ئېلىپ ئىشلەش باشلانغان يەر. شى جىنپىڭ 25- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىپ، كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەنخۇي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئۆلكىسى، ئۇزاقتىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشۇپ كەلدى. نەتىجىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى بىلەن ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىسى ۋۇ گۇاڭلى، ھۆددە ئېلىش باشلامچىسى يەن جىنچاڭنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ ئۇلارنى يوقلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقىنى، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ شياۋگاڭ كەنتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا ئۈلگىلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى، كۆپچىلىكنىڭ يولداش شېن خاۋدىن ئۆگىنىپ يۇرتداشلىرىنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ 26- ئاپرېل خېفېيدا جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن تەتقىقات يۇرتىدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى زامان فىزىكىسى فاكۇلتېتىدا تەجرىبىخانىنىڭ پەن تەتقىقات ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يېقىنقى زامان فىزىكىسى فاكۇلتېتىنىڭ قىسمەن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان قىسمەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەنخۇي پەن- تېخنىكا چوڭ ئۆلكىسى، جۇڭگو پەن- تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلغار ئىلىم- پەن ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋىرسىتېت بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ھەرىكىتى تېز، سالمىقى زور، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى ئۈزلۈكسىز راۋاجلانماقتا، بۇرچ ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسەت قىلىپ، كۈچ ئۈستىگە كۈچ قوشۇپ، داۋاملىق تېز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېدى: ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ۋە مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ساۋاقداشلارنىڭ دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، غايىسىنى تېخىمۇ قاناتلاندۇرۇپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كىشىلىك ھايات ۋە كەسىپتىكى ئاساسىي ماھارەتلەرنى تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، غايىلىك، ئۈمىدۋار، ۋەزىپىلەرنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان، پەزىلەتلىك، تەربىيە كۆرگەن ئىستۇدېنتلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش مەزگىلىدە، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئەنخۇينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا قىسىمدا باش كۆتۈرۈش داۋامىدا يېڭى يول ئېچىپ، گۈزەل ئىستىقبال يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىللە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش − ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەپەككۇرى ۋە خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. جايلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېسىلىۋالماسلىق، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشنى چۆرىدەپ، ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى سەپلەش ۋە بىرىكتۈرۈشنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورىيىۋاتقان، ئىجتىمائىي مەسىلە- زىددىيەتلەر كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بولۇپمۇ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن ئايرىلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانىلارنى ئىشچى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئىجتىمائىي سىياسەت ئارقىلىق قوللاش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن خادىملارنىڭ تېزدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئائىلىسىدە بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنى ھەرىكەتچان ھالەتتە تۈگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاتتىق سىناققا كۆپ دۇچ كېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۆپ قىلىش، مەنپەئەتكە كۆپ تېگىش − يېڭى نۆۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ ئالاھىدىلىكى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن، مەسىلىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ، ئۆزىمىزنى دادىل ئىسلاھ قىلىشىمىز، مۇھىمى، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىپ، ئىلگىرىلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز، تۈپ نېگىزىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، خەلقنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئۈزلۈكسىز ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىنى ئىسلاھات ئىچىگە قويۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، ئىسلاھاتنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، ئىسلاھات ئېقىمىدا تىرىشىپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىسلاھات تېمىسى بېكىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرى تۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تەكلىپ- پىكىرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئاممىنى ئىسلاھات داۋامىدا زور تۆھپىلەرنى قوشۇش، ئىسلاھاتتا كۆپرەك ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش پۈتكۈل پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكى، بۇ دەرسلىكنى دائىم تەكرار قىلىپ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن، ئۆزگەرتمەي، قايتا- قايتا ئۆگىنىپلا قالماي، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، بولۇپمۇ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىپ، ئۇنىڭ نېمىلىكى، نېمە ئۈچۈنلۈكىنى ئىگىلەش كېرەك. بۇنى ئۆگەنگەندە پارتىيەنىڭ تارىخى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ھازىرقى تارىخىي ئورنى، زىممىسىگە ئالغان تارىخىي بۇرچ ئەمەلىيىتىگە، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەۋى تەرەققىياتى ۋە ھازىرقى مۇستەھكەم غايە- ئېتىقاد ئەمەلىيىتىگە، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئەمەلىيىتىگە، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە ھازىرقى خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئەمەلىيىتىگە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقى ۋە ھازىرقى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەمەلىيىتىگە، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قائىدىسى ۋە ھازىرقى پارتىيە ئىچىدە مەۋجۇت بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ پارتىيە تەشكىلى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا قويغان تەلىپىنىڭ نېمىلىكى، قانداق قىلغاندا زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، پارتىيە نىزامنامىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ قايسى تەلەپلەرنى ئورۇندىيالمىغانلىقى، پارتىيە نىزامنامىسىگە بولغان تونۇشنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يەنە قايسى ھالقىلارنى كۈچەيتىش زۆرۈرلۈكى، قايسى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش كېرەك. مۇشۇنداق ئۆگىنىش ئارقىلىق، پارتىيە نىزامنامىسىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ بىلىش، ئۆگىنىپ ئىشىنىش، ئۆگىنىپ ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، خېفېي شەھىرىدە ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قسىىمنىڭ شىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرى ۋە ئۇرۇش قىلىش تۈەنى ئورنىنىڭ ئاساسلىق ئوفىتسېرلىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر