باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

14 تارماق قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشنى بىرلىشىپ تۈزەيدۇ

2016.04.29 18:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاش جەھەتتىكى يېڭى دېلولارنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71 ئاشقان. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق بانكىسى قاتارلىق 14 مىنىستىرلىق، كومىتېت 27-ئاپرېل سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشنى قاتتىق تۈزەش ئۈستىدە ئىزدەندى. كەلگۈسىدە، ئېلىمىز قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشقا زەربە بېرىدىغان ئەتراپلىق نازارەت، ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىدۇ.

  قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۈجۇ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بولۇپمۇ ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشتىكى بىر ئېغىر ئاپەت ساھەسىگە ئايلاندى. بۇلتۇر پۈتۈن مەملىكەتتىكى قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاش دېلوسىغا چېتىشلىق پۇل، قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم %57 ۋە %120 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ئەلئىچى مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىچىلىك ئورگانلىرى، P2P توردا قەرز ئېلىش، دېھقانلار كوپىراتىپلىرى، ئۆي مۈلۈك كەسپى، خۇسۇسىي فوند قاتارلىقلار يەنىلا قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشتىكى ئېغىر ئاپەت ساھەسىگە ئايلاندى، پۇقراۋى مائارىپ، يەرلىك سودا سورۇنلىرى، ئۆز ئارا سۇغۇرتىلاش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشقا چېتىلىش مەسىلىسى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. ياڭ يۈجۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى يەنە بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاش خەتىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم جايلارنىڭ ئىستىرولاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان، ئۇچۇرلاشقان نازارەت، ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى ئېغىر خەتەر يىپ ئۇچلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ ھەم ئەسكەرتىدۇ. 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشقا چېتىشلىق ئېلان ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، تازىلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇنسىز مەبلەغ جۇغلاشقا چېتىشلىق ئېلانلارنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ، ئورگان تور بېكەتلىرى، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، يانفون تېرمىنالى، بەيدۇ ئىزدەش تورى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىدىكى ئېلانلارنى بېرىشىگە بولغان نازارەت، تىزگىنلەشنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر