باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

2016.04.29 09:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 28-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيانىڭ تىنچ ۋە گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى، ئورتاق ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىياچە بىخەتەرلىكنى ئوڭشاش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيانىڭ تىنچ ۋە گۈللەنگەن گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى ئاسىيادا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش خەلقنىڭ ئارزۇسى. ئاسىيا ئىقتىسادى دۇنيادا ئالدىدا ماڭماقتا، رايون ھەمكارلىقى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى تېخى ئاياغلاشمىدى، ئاسىيانىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاسىيانىڭ قىسمەن جايلىرىدا داۋالغۇش، توقۇنۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۇت، تېررورلۇق قاتارلىق ئەنئەنىۋى بولمىغان بىخەتەرلىك تەھدىتى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا، رايون بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: 2014-يىللىق ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى شاڭخەي باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئاسىيا بىخەتەرلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش، تەڭ نەپ ئېلىشتەك ئاسىيا بىخەتەرلىك يولىدا مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز نىشاننى ئىگىلەپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىرلىشىپ قوغدىنىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە قوغلاشقاندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق تەرەپلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغاندا باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئاسىيانىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم. بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىپ، بىر-بىرىمىزگە يول قويۇپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتتە، سۆزلىشىش ئارقىلىق كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلىنىپ، ماجىرالار ۋە مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق ئىشەنچنى چىڭىتىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، بىخەتەرلىكنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىشىمىز لازىم. قائىدە مېخانىزم ئورنىتىش ئارقىلىق كىرىزىسنى كونترول قىلىپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچنى چىڭىتىش ئارقىلىق جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، كىرىزىسنى سىياسىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھەل قىلىپ، مۇرەككەپ رايون قىزىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تەدرىجىي تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم. ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەكىللەنگەن ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، بىردەك كېڭىشىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھۇزۇرىغا ئېتىبار بېرىشتەك ئاسىياچە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، رايوندىكى بىخەتەرلىك مېخانىزملىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيانىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايون بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق يېڭى رامكىسى ئورنىتىش ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا، مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش يولىغا بالدۇرراق قايتۇرۇپ كېلىپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە ئالاقىدار ھوقۇقلىرىمىزنى قەتئىي قوغداشقا، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن دوستانە كېڭىشىپ ۋە سۆھبەتلىشىپ، ماجىرالارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي دېڭىزنى تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

  ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 27-، 28-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن بولۇپ 40 نەچچە ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر