باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن

2016.04.29 18:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ مىڭشەن 27-ئاپرېل «كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمەسلىك» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ ئىقتىدارىنىڭ كۆپىيىشى، تۇرالغۇ كىنىشكىسى تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ۋە كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قولايلىق كارتىنىڭ ئورنىنى ئاساسەن ئالدى، قولاي كارتىنى ئىشلەتمىگەندە كۆچمە نوپۇسنى باشقۇرۇش ئارىلىقىدىكى ھالقىنى ئازايتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، نوپۇسنىڭ كۆچۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى، تەكشۈرۈش داۋامىدا زىددىيەت ۋە خاتا چۈشەنچە كېلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارەتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى نيۇ زۇڭيى مۇنداق دېدى: قولايلىق كارتىنى ئىشلەتمىگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كۆچمە نوپۇسنى تىزىملاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەپ، كۆچمە نوپۇس ئۇچۇرىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ يىغىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەمدە نۇقتىلىق، مۇرەككەپ رايونلار ۋە ئىجارە ئۆيلەرنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كۆچمە نوپۇسنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىكىنى ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پەرىدە رېھىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى كۆچمە نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت، قانۇن-بەلگىلىمىلەردىن مەسلىھەت بېرىش، ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، بەلگىلىمىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كۆچمە نوپۇستىكىلەرنى كەسپىي تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسى، كەسپىي ئىقتىدارىنى باھالاش تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەت جەھەتتىن قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر