باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ-شىنجاڭ تېز پويىزى 5-ئايدا داۋاملىق سۈرئەتنى ئاشۇرىدۇ

2016.04.29 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردىن ئىگىلىنىشىچە، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ لەنجۇ-شىنجاڭ تېز پويىزىنىڭ يۈرۈشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى پويىز يۈرۈش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدىكەن، ئېلېكتىروۋۇزلار داۋاملىق سۈرئەتنى ئاشۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، لەنجۇ-شىنجاڭ تېز پويىزى يولىنىڭ چىڭخەي چېگراسى ئىچىدىكى مىنخې بىلەن لېدۇ ئارىسىدىكى جاڭ جياجۇاڭ تونىلىدا گېئولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بېرىپ، تۆمۈر يول تارماقلىرى جىددىي ئوڭشىغان ھەم بۇ بۇ بۆلەكتىن ئۆتۈدىغان پويىزلارنى قايتۇرۇش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىش چارىسىنى قوللانغان. ئۈچ ئايدىن كۆپرەك قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، تونىلنىڭ گېئولوگىيەلىك خەتىرى يوقىتىلغان، تەسىرگە ئۇچرىغان پويىزلار 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول مۇلازىمەت مەركىزى ئورگان تورىدىن كۆرۈپ بايقىشىچە، نۆۋەتتە لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان ئېلېكتىروۋۇزلاردىن تۆت قېتىملىق پويىز بار ئىكەن، يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا 13 سائەت 35 مىنۇت ئىكەن؛ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئېلېكتروۋۇزلارنىڭ سانى بەشكە كۆپەيتىلىدىكەن، يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا 11 سائەت 23 مىنۇت بولۇپ، ئىككى سائەت 12 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، لەنجۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە بىرلىكتە يېڭى پويىز يۈرۈش خەرىتىسىنى يولغا قويىدىكەن. لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ نۇرغۇن پويىزلىرى يەنىمۇ تېزلىتىلىپ، لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغىچە بولغان ئەڭ قىسقا يۈرۈش ۋاقتى 10 سائەت 34 مىنۇت بولۇپ، قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتىن يەنە 49 مىنۇت قىسقىرايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر