باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى باشلىدى

2016.04.29 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2016-يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى باشلاش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئوقۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ 494 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ بويىچە ئىسسىقتا قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3500نى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 2000 نى سېلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىكەن. شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول، سۈپىتى ياخشى، يېڭى پېتى ساقلاش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن زىيان ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىنى چەكلەپ قويغان. 2012-يىلى، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاشقا تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى سىناق قىلغان ئىدى. بۇ تۈر يولغا قويۇلغان تۆت يىلدىن بۇيان، تۈر يولغا قويۇلغان رايون 10 ناھىيە، شەھەردىن بۇ يىل 83 ناھىيەگە كۆپەيدى، ھازىر ھەر خىل دەسلەپكى پىششىقلاش ئەسلىھەسىدىن 7138 ى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاش ئەسلىھەسى شارائىتىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيىنىنى ئازايتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، ھەمدە كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 166 مىڭ دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، 170 مىڭ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر