باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈم ماددىي ئەشيالىرى ئېكۋاتورغا يەتكۈزۈلدى

2016.04.29 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكۋاتورنىڭ يەر تەۋرىگەن رايونغا ياردەم قىلغان تۇنجى تۈركۈم جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېكۋاتورغا يەتكۈزۈلدى.

  ئېكۋاتورنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لوسانا ئالۋارادو: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىغا رەھمەت ئېيتىپ: بۇ ئېكۋاتوردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە قىلىنغان زور ياردەم دېدى.

  ئېكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گۇلىيام ژان: باشقا كۈن چۈشكەندە ھەقىقىي دوستنى بىلگىلى بولىدۇ، جۇڭگو ئېكۋاتورنىڭ ھەقىقىي دوستى دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ماددىي ئەشيالار 5400 چېدىر ۋە ئون مىڭغا يېقىن قاتلىما كارىۋاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئەشيالار يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئېكۋاتور دائىرىلىرى تېزدىن چۈشۈرۈپ ماشىنىلارغا قاچىلاپ كىتودىن يولغا سالغان. مۆلچەرلىنىشچە شۇ كۈنى ئاپەت يۈز بەرگەن مانتا شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر