باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2016.04.29 13:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە مەركەز يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاساس، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئۆلچەم قىلىپ، قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولغان نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، نامرات ئاھالە، نامرات يېزا، نامرات ناھىيەلەرنى 2020-يىلدىن بۇرۇن نامراتلىقتىن تەرتىپلىك چېكىندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش نىشانىنى ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر