باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

2016.04.28 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ليۇئەن شەھىرى جىنجەي ناھىيەسى خۇاشى يېزىسى داۋەن كەنتىدە دېھقانلاردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

  شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل خېفېيدا ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار ۋە ئۇرۇش قىلىش تۇەن ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل ئوفىتسېرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت توغرىسىدىكى يېڭى تەلىپى نامايان قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ھەرىكەت قوللانمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك»ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆز ئۈستۈنلۈكلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى يول ئېچىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى كۈچەپ يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ 24-ئاپرېلدىن 27-ئاپرېلغىچە ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شۆجۈن، ئۆلكە باشلىقى لى جىنبىننىڭ ھەمراھلىقىدا ليۇئەن، چۇجۇ، خېفېي قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ، يېزا، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات-مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

  دابېيشەن تاغلىق رايونىغا جايلاشقان ليۇئەن شەھىرىنىڭ جىنجەي ناھىيەسى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ شۇنداقلا خەلق ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى. شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىن خېفېيغا بېرىپ، ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا بىر يېرىم سائەت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، جىنجەي ناھىيەسىنىڭ قىزىل ئارمىيە مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى، جىنجەي ناھىيەلىك قىزىل ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى، جىنجەي ناھىيەلىك ئىنقىلابىي مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى ئۇرۇش يىللىرىنى ئەسلىگىنىمىزدە جىنجەي خەلقى قورقماس پىداكارلىق روھى بىلەن جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىشلىرى ئۈچۈن ئەبەدىي نۇر چاقناپ تۇرىدىغان تۆھپە ياراتتى، بىز پېشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئىنقىلابىي روھنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئىنقىلابىي گېننى ئۇلارنىڭ قېنىغا، يۈرىكىگە سىڭدۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر