باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئائىلە بايلىقىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى: ئېلىمىزدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بايلىقى 144 مىڭ 197 يۈەن ئىكەن

2016.04.29 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا-ئىقتىساد گېزىتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى تەتقىقات يۇرتى تۈزىگەن «جۇڭگودىكى ئائىلىلەرنىڭ بايلىقىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» 28-ئاپرېل ئېلان قىلىندى. بۇ دوكلات مەملىكەت بويىچە 25 ئۆلكە، 268 ناھىيەدىكى 120 مىڭ ئائىلىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن. بۇ، دوكلات جۇڭگونىڭ ئائىلە بايلىق كۆلىمى ۋە قۇرۇلمىسى، شەھەر-يېزا بىلەن رايونلارنىڭ پەرقى، پۇل مۇئامىلە مۈلكى ۋە تۇرالغۇ ئۆي، ئائىلە مەبلەغ سېلىشى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەدبىر بەلگىلىمىسى، ياشانغانلارنى بېقىش پىلانى قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، ئېلىمىز ئائىلە بايلىقىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ نامايان قىلىنغان.

  2015-يىلى، ئېلىمىزدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بايلىقى 144 مىڭ 197 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازار ئائىلىلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بايلىقى ئايرىم-ئايرىم 208 مىڭ 317 يۈەن ۋە 64 مىڭ 80 يۈەن بولغان. شەھەر-بازارلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بايلىقى يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بايلىقنىڭ 3.22 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى پەرقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئائىلە بايلىقىدا يەنە بەلگىلىك رايون پەرقى مەۋجۇت بولۇپ، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بايلىقنىڭ سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا قىسىم رايوندىكىلەرنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا، غەربىي رايوندىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر