باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن پاكىستان نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

2016.04.29 12:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى پاكىستان زوڭلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز بىلەن ئاسىيا ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋە ئىشىنىش چارىلىرى يىغىنىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى مەزگىلىدە يۈز كۆرۈشۈپ، نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى:

  بىرىنچى، ئىككى تەرەپ نەنخەي دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشىنى بىۋاسىتە ئالاقىدار دۆلەتلەر ئىككى تەرەپ كېلىشىمى ۋە «نەنخەيدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتى خىتابنامىسى»گە ئاساسەن سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نەنخەي رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ھۆرمەتلىشى ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئۈچىنچى، پاكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ «ب د ت دېڭىز-ئوكيان ئەھدىنامىسى»نىڭ 298-ماددىسىغا ئاساسەن چىقارغان ساقىت قىلىش خاراكتېرلىك باياناتىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر