باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋاڭ جىنيىڭ ھەققىدە ھېكايە

13 يىل ئەسكى-تۈسكى يىغىپ سېتىپ قەرز قايتۇرغان ۋە باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەن ۋاڭ جىنيىڭنىڭ ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا

2016.04.29 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسىدىن قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل) ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك ئىش باشقارمىسى توقاي مەھەللە كومىتېتى 8-گۇرۇپپا ئەزاسى يولداش ۋاڭ جىنيىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ داڭشەن ناھىيەسىدىن 1965-يىلى ئاقسۇ شەھىرىگە كېلىپ، شەھەرلىك يول باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. 1993-يىلى شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن يول، كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ھۆددىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللاندى.

  1998-يىلى بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن قاتناش ھادىسىسىدە ۋاڭ جىنيىڭنىڭ پاقالچاق سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ، ئالتە ئايدىن ئارتۇق داۋالىنىدۇ. بۇ جەرياندا قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئىشلەمچىلەر ئىش ھەققىنى سۈيلەپ ئۇنى بىر-بىرلەپ ئىزدەپ كېلىشىدۇ. قېرىشقاندەك خوتۇنىمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىماي، سوت ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ. ۋاڭ جىنيىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش مەقسىتىدە قورۇلۇش ھۆددىگەر تەرەپنى كۆپ قېتىم ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. 2002-يىلىغىچە بولغان تۆت يىل ئىچىدە تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپمۇ ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ئادەم تاپالمىغاندىن كېيىن، ئىشلەمچىلەرگە ھۆججەت يېزىپ بېرىدۇ ۋە ھاياتلا بولسا بىر سىنت قالدۇرماي قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قايتۇرماقچى بولغىنى 30 نەچچە ئادەمنىڭ 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلى ئىدى ...

  ئەينى يىللىرى پېنسىيە مائاشى بەكلا تۆۋەن، بۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى ئىش ھەققىگە تايىنىپ قايتۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ 58 ياشقا قەدەم باسقان ۋاڭ جىنيىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ، كۈچ-قۇدرىتى ئاجىزلاپ قالغان مۇشۇنداق پەيتتە باشقىلارغا شۇنچە كۆپ پۇلغا قەرز بولۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنىدۇ ۋە تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ، ئۆزىگە ساغلام تەن ئاتا قىلىشنى تىلەيدۇ ... بىر دانە ئۈچ چاقلىق ھارۋا سېتىۋېلىپ، كوچا-كويلار، تاشلاندۇقلار ئارىسىدىن قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تېرىپ سېتىشقا باشلايدۇ ...

  ‹‹تاما-تاما كۆل بۇلار» دەيدۇ كونىلار. ۋاڭ جىنيىڭ قەرز قايتۇرۇش يولىدا توپتوغرا 13 يىل كۈرەش قىلىپ، غەملىگەن پۇللىرى بىلەن ئۇتتۇرلۇق قەرز قايتۇرىدۇ. قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقى، يازنىڭ تومۇزى، كۈزنىڭ ئاپتىپى ۋە ئەتىيازنىڭ شىۋىرغانلىرىغا قارىماي، ھارۋا سۆرەپ كۈچىمۇ-كۇچا يۈرۈيدۇ، نەدە ئەخلەت دۆۋىسى بولسا شۇ يەردە ئۈنىدۇ ... 2015-يىلى يېڭى يىلدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قەرز ئىگىسىنىڭ 8000 يۈەن پۇلىنى قايتۇرماقچى بولىدۇ، ئەمما قەرز ئىگىسىنى زادىلا تاپالمايدۇ ...

  ‹‹قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋەدىدە تۇرماسلىق ئىنساننىڭ خىسلىتى ئەمەس. تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە ۋەدىگە ۋاپا قىلىپ، ئادىمىيلىك پەزىلەت بىلەن ياشاش كېرەك. پۇل ھەممە ئادەم ئۈچۈن مۇھىم، ئەمما پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس. ئىگىسى تېپىلمىدى، دەپ قايتۇرمىغان ئاشۇ ئازغىنە پۇل مېنى بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا قويىدۇ. قەرز ئىگىسىنى نەدىنلا بولسۇن ئىزدەپ تېپىشىم، ۋەدەمنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىم كېرەك ...››.

  كۆپ قاتراپ قەرز ئىگىسىنى تاپالمىغان ۋاڭ جىنيىڭنىڭ كاللىسىغا تاراتقۇلارغا تايىنىش ئويى كېلىدۇ. ئاقسۇ گېزىتى ئىدارىسىگە بېرىپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن ، «ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان بوۋاي 12 يىل تاشلاندۇق يىغىپ قەرز قايتۇردى» تېمىسىدىكى سەرلەۋھىلىك ماقالە ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ .

  ۋاڭ جىنيىڭ قەرز ئىگىسى كاڭ ئەپەندىنىڭ گېزىتنى كۆرۈپلا ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسىچە بولغانىدى... ۋاڭ جىنيىڭ قەرز ئىگىسىنى ئىزدەشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمايدۇ، سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق كاڭ ئەپەندىمنى ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى ئىش ئورنىدىن تېپىپ، 8000 يۈەن پۇلنى قولىغا خۇشاللىق بىلەن تۇتقۇزىدۇ ۋە قەرزىنى شۇنچە يىل كەينىگە سۆرۈۋەتكەنلىكىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ ...

  ئەمدىلا قەرزدىن قۇتۇلغان ۋاڭ جىنيىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئاخىرقى ئۆمرىنى خەير-ساخاۋەت بىلەن مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلايدۇ. ئەسكى-تۈسكىلەر ئارىسىدىن قايتا پىششىقلاپ ئىشلەشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تىرىپ سېتىش ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، تاپقان-تەرگىنىنى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىستۇدېنتلار، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇۋاتقان، ئەمما ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچىلار، كېسەل، ئاغرىق-سىلاقلار، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلارغا سەرپ قىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ئىناقلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ .

  *

  *

  *

  2015-يىلى 2-سېنتەبىر، ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرغان تۇرغۇن ساۋۇت ھويلا-ئاراملىرىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى .

  - دادا! دادا! چاقىرىق كەپتۇ، چاقىرىق كەپتۇ ...ئۇ، قىزى مۇنىرەنىڭ توۋلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىرگىنىنى كۆرۈپ، قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ قىزىنىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇنىرەنىڭ قولىدىكى «ئۈرۈمچى ئۇچۇر ئىلىم- پەن ئىنستىتۇتىنىڭ باشلانغۇچ مائارىپى كەسپى» نىڭ تۇلۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاراپ چىقتى .

  -ئاخىرى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپسىز قىزىم ،- دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن ،- ئۈمىدىمنى ئاقلىدىڭىز ...

  تۇرغۇن ساۋۇتنىڭ خۇشاللىقى ئانچە ئۇزۇن داۋام ئەتمىدى. ئۇقتۇرۇشتا 10-سېنتەبىردىن بۇرۇن مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىغانلىقى ۋە ئوقۇش خىراجىتى، ياتاق، سۇغۇرتا پۇلى، كىتاب-ماتېرىيال، باشقا چىقىم بولۇپ، جەمئىي 9500 يۈەن تاپشۇرۇدىغانلىقى يېزىلغانىدى .

  تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان تۇرغۇن ساۋۇت ئائىلىسى ئۈچۈن بۇ پۇل ئاز ئەمەس ئىدى. بىر ھەپتە ئىچىدە بۇنچىۋالا كۆپ پۇلنى نەدىن تاپسۇن ؟ ... تۇرغۇن ساۋۇت تەرەپ-تەرەپكە چاپتى. تونۇش-بىلىشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 3000 يۈەن قەرز ئالدى، بۇنىڭغا ئۆيىدە بار 2000 يۈەننى قوشۇپ، جەمئىي 5000 يۈەن پۇلنى غەملەپ، قىزىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى. 11-سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، قىزىنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇردى. قوشۇمچە پۇللارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئوقۇش خىراجىتى 5200 يۈەننى 1-ئۆكتەبىردىن بۇرۇن يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مەكتەپكە كاپالەتنامە يېزىپ بېرىپ، ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى ...كۈنلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ ئۆتۈۋەردى، ئەمما ئوقۇش خىراجىتى غەملەنمىدى .

  تۇرغۇن ساۋۇت ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك ئىش باشقارمىسى توقاي مەھەللە كومىتېتى 6-گۇرۇپپا ئەزاسى بولۇپ، بىر قېتىملىق ھادىسىدە ئېغىر زەخىملەنگەن، تەدرىجىي بىر قولى تۇتماس بولۇپ قېلىپ، 3-دەرىجىلىك مېيىپلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنىدى. تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى ئاستىدا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ئائىلىسىنى قامداپ كېلىۋاتاتتى. بىرەر قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەيدىغانغا تەن سالامەتلىكى يار بەرمەيتتى. پارچە-پۇرات تاپقان پۇللىرى بىلەن بۇنچە كۆپ پۇلنى قانداقمۇ تەقلەپ بولسۇن ؟...

  تۇرغۇن ساۋۇتنىڭ بېشى قاتقان شۇ كۈنلەرنىڭ بىرى، چۈشتىن سەل ئۆتكەندە، توقاي مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاينۇر ساۋۇت بىر خەنزۇ يولداشنى باشلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى :

  - ۋاڭ ئەپەندىم قىزىڭىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى، ئەمما ئوقۇش خىراجىتىدە قىينىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ، بىز بىلەن ئالاقىلەشتى ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

  ۋاڭ جىنيىڭ شۇئان يېنىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ، تۇرغۇن ساۋۇتقا تەڭلىدى .

  -بۇ مىنىڭ قىزىڭىزغا قىلغان ئازغىنە كۆڭلۈم، مەن ئۇنىڭغا يەنە ياردەم قىلىمەن .

  -بۇ، بۇ ...- تۇرغۇن ساۋۇتنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ھاياجانلىق ياشلىرى ئەگىدى،- سىز شۇنچە ياشىنىپ قالغان تۇرۇقلۇق يەنە ...

  تۇرغۇن ساۋۇتنىڭ تىلى گەپكە كەلمەي قالدى، ئاسماندىن شىپالىق يامغۇر ياققاندەك ھېسسىياتقا كەلدى، كۆز ياشلىرى تارام ئاقتى. ۋاڭ جىنيىڭنىڭ قۇلىنى مەھكەم سىقتى ۋە ھاياجان بىلەن :

  -رەھمەت سىزگە! سىز بىزگە شاپائەت ياغدۇردىڭىز ،- دېدى ...

  *

  *

  *

  2015-يىلى 9-ئۆكتەبىر، ئاقسۇ شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمۈلگەن ئىدى. بىر ياشىنىپ قالغان بوۋاي مەكتەپ مەيدانىغا كىرىپ كەلگەندە، مەيداندىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى .

  - ۋاڭ جىنيىڭ تاغىمىزكەن.

  - تېلېۋىزوردا ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان، ئەخلەت يىغىپ قەرز قايتۇرغان ۋاڭ ئەپەندىم ئىكەن.

  -ئۇ ھازىر باشقىلارغا خەير-ساخاۋەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ .

  - بۈگۈنمۇ شۇ ئىش بىلەن كەلسە كېرەك ....

  ئۇلارنىڭ پەرىزى توغرا ئىدى. شۇنداق، ۋاڭ جىنيىڭ شۇ كۈنى «سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان، تۇلۇق 2-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى خۇا لېينىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن پۇل ئىئانە قىلىشقا كەلگەنىدى. بۇ ئۇنىڭ خۇالىيغا ئۈچىنچى قېتىم پۇل ئىئانە قىلىشى بولۇپ، ئىئانە سوممىسى جەمئىي 32 مىڭ يۈەنگە يەتكەنىدى ...

  ۋاڭ جىنيىڭ شەھەرلىك 8-ئوتتۇرىدا، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20 كۈنى يەنە بىر قېتىم خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى تەشكىللەپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر، ئەمما ئوقۇش نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولغان 11 ئوقۇغۇچنىڭ ھەربىرىگە 1000 يۈەندىن، جەمئىي 11 مىڭ يۈەن، تۇرغۇن ساۋۇتنىڭ قىزى مۇنىرەنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن 5000 يۈەن، جەمئىي 16 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىدۇ ...

  ۋاڭ جىنيىڭنىڭ ئىش-ئىزلىرى ناھايىتى كۆپ، بىز : «تامچە سۇدىن دېڭىزنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەندەك، ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنىلا يۇرۇتتۇق، خالاس ....

  ۋاڭ جىنيىڭنىڭ 73 ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇقلۇق، خەير-ساخاۋەتنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا تىنىمسىز كۈرەش قىلىشى ئەقلىي تىرەن، پىكىرى ئويغاق ھەربىر ئىنساننى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ئىنسانىي خىسلەتنىڭ، ئادىمىيلىكنىڭ، ئەخلاق-ئېتىقادنىڭ تىپىك نامايەندىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر-بىرىنى قەدىرلەش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ئەنئەنىۋىي پەزىلىتىنىڭ ئاددىي بىر مىسالى، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەت. ئۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىلىك شەخس .

  بىز ئۇنىڭ ۋەدىگە ئەمەل قىلىش يولىدىكى جاپالىق ئىش-ئىزلىرى، ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- شەپقەتنى جۇلالاندۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز، سۆز-ھەرىكىتىمىزدە ھەر دەقىقە، ھەر قەدەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلىشىمىز ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشنى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز لازىم. مۇشۇ مۇناسىۋەتتە بىز ۋاڭ جىنيىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىللە، يەنە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئامەت، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر