باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتەيلى

ئاپتونوم رايون «1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.04.29 12:26   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون «1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايون 26- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر ئىلغار شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. (مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)

  «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايون 26- ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان پېشقەدەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، پېشقەدەم ئىلغار خىزمەتچىلەر، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقانلار، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشچىلىرى، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە باشقا قاتلامدىكى ئەمگەكچى ئاممىدىن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر- ساقچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر بويىچە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جاڭ شىنيەن قاتارلىق 386 كىشى، پېڭ فاڭمىڭ قاتارلىق 211 كىشىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئىلغار خىزمەتچى دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تولى ناھىيەسىنىڭ «جاۋجىن» شىمالىي شىنجاڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 30 ئورۇن ۋە لى شيۇچىن قاتارلىق 59 كىشىگە شىنجاڭنى ئېچىش- گۈللەندۈرۈش تەقدىرنامىسى ۋە مېدالى تارقاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى( قورغاس) چەكلىك شىركىتى ئۆلچەش پونكىتى قاتارلىق 137 ئورۇنغا ئاپتونوم رايونلۇق ئىشچىلار ئاۋانگارتى دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئەمگەك ئىجادىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېلىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئەمگەكنىڭ ئورنى ۋە رولىنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى، نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، گۈزەل كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. بىر قانچە يىللىق بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن ۋە مېھنەت تەرى سىڭگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەستايىدىل، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۈشى، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئۈلگىلىرى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن ئاتلىنىشى كېرەك. ئۇستىكارلىق روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۆگىنىشكە ماھىر بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمگەك، بىلىم، ئىختىساس ئىگىلىرى، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى باشتىن- ئاخىر ئۆز غايىسىنى دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە، ئۆزىنى بېغىشلاش جەريانىدا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا، كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر پارتىيە ۋە خەلق بەرگەن ئالىي شەرەپنى قەدىرلەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن چىقىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۈلگە بولۇش، ئۇلارنى يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇبيېكتلىق رولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئالاھىدە بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭ روھى، شىنجاڭ ئۈنۈمى، شىنجاڭ ئىقتىدارى، شىنجاڭ ئىستىلى، شىنجاڭ ئوبرازىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە نامايان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئايلاندۇرۇشى؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيەتنى، ئىلىم- پەننى ھۆرمەت قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكىدىن يىراق تۇرۇشقا يېتەكلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىدە ياخشى ئۈلگىلەردىن بولۇشى؛ ھەر قانداق ۋاقىتتا شىنجاڭنى تەشۋىق قىلغۇچى، شىنجاڭ ئوبرازىنى قوغدىغۇچى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋە ئاكتىپ كۈچ بولۇشى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ بىلىم تىپىدىكى، تېخنىكا تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەردىن بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشنىڭ تۈپ فاڭجېنىنى ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ھالقىلىرىدا نامايان قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك.

  يىغىندا تەقدىرلەنگەن شەخس ۋە كوللېكتىپلارنىڭ ۋەكىللىرى نۆۋەت بىلەن رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئۇلارغا مۇكاپات تارقاتتى. كەنتتىكىلەرنىڭ يۆلەنچۈكى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇدىيايۈزى بازىرى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۈەنمىن، دېھقانلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى، مەكىت ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئېزىز ياقۇپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلنۇر مەمەت ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە مۇنداق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولايلى؛ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئىزباسارلاردىن بولايلى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ ئۈلگە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولايلى؛ باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشتىكى يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەردىن بولايلى.

  جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى يىغىندىن ئىلگىرى تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخس ۋە كوللېكتىپ ۋەكىللىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىندا تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، شەۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۇي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…