باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگو خۇش ئاۋازى»نىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىش دىلوسىغا سوت ئېچىلدى

2016.04.29 12:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەشىنچى پەسىللىك «جۇڭگو خۇش ئاۋازى»غا دەسلەپكى تاللاش ھوقۇقى بېرىلمەي تۇرۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان «The Voice of...» ماركىغا ئاساسەن ئوخشايدىغان شەكىل ۋە سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، «The Voice of...» شەكلىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى گوللاندىيەنىڭ تارپا شىركىتى «جۇڭگو خۇش ئاۋازى»نى ئىشلىگۈچى شىركەت شاڭخەي چياڭيىن شىركىتى، بېيجىڭ جېڭيى تيەنشيا شىركىتىنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، 300 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلدى.

  تۆنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بۇ دىلوغا بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىپ قاراپ چىقىلدى، بىرىنچى سوتتا چياڭيىن شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى بويىچە باشقىچە پىكىرنى رەت قىلدى. «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» ئاخىرىدا ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلدى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ، قويۇشتىن توختىتىلامدۇ، دېگەن مەسىلە جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى. قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، ئەگەر خۇش ئاۋاز ئىشلىگۈچى تەرەپ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلدى، دەپ بېكىتىلگەن تەقدىرىدىمۇ، بۇ پىروگراممىنىڭ قويۇلۇشىغا چوڭ تەسىر بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت قويۇلىدىغان پىروگراممىدا ماركا ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلىنغان قىسمىنى چىقىرىۋەتسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر