- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدىن بىۋاسىتە تۇرپانغا ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى
2016.04.29 12:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تۇرپان-قۇمۇل-بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. بۇ، تۇرپان ئايرودرومى ئېچىلغاندىن بۇيان ئېچىلغان تۇنجى دۆلەت ئىچى قەرەللىك ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى بولۇپ قالدى.
يېڭى ئېچىلغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنىڭ نومۇرى CA1229/1230، دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، شەنبە كۈنلىرى بوئىېڭ 738 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچىدۇ، 07:25 تە بېيجىڭدىن ئۇچۇپ، 10:55تە قۇمۇلغا قونىدۇ، قىسقا ۋاقىت توختىغاندىن كېيىن، 11:55تە ئۇچۇپ، 13:10دا تۇرپانغا قونىدۇ؛ قايتىش لىنىيەسى 14:10دا تۇرپاندىن ئۇچۇپ، 15:25تە قۇمۇلغا قونىدۇ، قىسقا ۋاقىت توختىغاندىن كېيىن، 16:25تە ئۇچۇپ، 19:25تە بېيجىڭغا يېتىپ بارىدۇ.
خەلقئارا ئاۋىئاتسىيەسى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لى شەن مۇنداق دېدى: يېڭى لىنىيەنىڭ ئېچىلىشى تۇرپاننىڭ تۆت پەسىللىك ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ توپلىنىش-تارقىلىش ئورنى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق، يەنە شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرمۇ ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىسىدا قاتراپ يۈرمەيدىغان، قاتناش چىقىمى، ۋاقىت چىقىمىنى تېجەپ، تېخىمۇ قولايلىق ساياھەت قىلالايدىغان بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر