سۈرەتتە: 28-ئاپرېل، شاڭخەيدىن كۈنمىڭغا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى يۈننەن بۆلىكىنىڭ تۇتاشقان نۇقتىسى قۇرۇلۇش مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى سائەت 10 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگونىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە قاتنايدىغان ئەڭ ئۇزۇن تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى - شاڭخەيدىن كۈنمىڭغا قاتنايدىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ يۈننەن بۆلىكى پۈتتى. يىل ئاخىرى، يۈننەنگە قاتنايدىغان تۆمۈر يول رەسمىي تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تورىغا كىرگۈزۈلۈپ، بۇ ئۆلكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلىنىشتە ھەر تەرەپكە سوزۇلغان قاتناش مەركىزى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى