باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئوتتۇرا غەربىي رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشنى تىزلىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى

2016.04.28 14:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 27-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئوتتۇرا غەربىي رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىي ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلدى؛ «ئېتىز ۋە سۇ ئىنشائاتى نىزامى(دەسلەپكى لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا، ئوتتۇرا غەربىي رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئەڭ نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە ئەڭ نامرات ئاممىنىڭ مائارىپ بىلەن تەربىيەلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى چىڭىتىپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى. يىغىندا، ئوتتۇرا غەربىي رايوننىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى. بىرىنچى، ناھىيە ئىچىدىكى مەجبۇرىي مائارىپنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككىنچى، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش. ئۈچىنچى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشىنى تىزلىتىش. تۆتىنچى، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇنىۋېرسىتېت ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئوتتۇرا غەربىي رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئالىي مائارىپ قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىش. بەشىنچى، يېزىلارنىڭ يەسلى مائارىپىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىيلىققا ئىگە يەسلى ۋە بالىلار باغچىسى بولۇپمۇ پۇقرالار ئاچقان يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش. ئالتىنچى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ «قوش تىل» مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر