- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گېرمانىيە ھانسا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن 900- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇردى
2016.04.27 13:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ئاپرېل، گېرمانىيە ھانسا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەر يۈزى مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشى سەۋەبىدىن، شىركەت 27-ئاپرېل قاتنايدىغان 900-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھانسا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىش تاشلاشقا قاتناشقانلار ئاساسلىق ئايرودۇرۇم مۇلازىمەتچىلىرى، ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىرى، ئايرودۇرۇم بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل خادىملار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، مەجبۇرى قالدۇرۇلغان 895 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان تەخمىنەن 87 مىڭ يولۇچىنىڭ سەپەر قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر