باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى

2016.04.28 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا مەركىزىي تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق <ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش> پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە يولغا قويۇلىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش»(مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاشقا ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش) پىلانىنى بېكىتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە ئەۋەتىش، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەشتەك خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ ۋە نامرات رايون، نامراتلارنى يۆلەشكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىغا مۇۋاپىق مايىللىشىپ، مەملىكەت بويىچە يىلدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتتىن 25 مىڭنى ئاساسىي قاتلامدا مۇلازىمەت قىلىشقا قوبۇل قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر