سۈرەتتە: ۋوۋىنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە 24-ئاپرېل قاماقتىكى 12 ياشلىق پەلەستىنلىك قىزچاقنى قويۇپ بەردى. بۇ قىزچاق ئەرز سۇنغاندىن كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلدى.
شۇ كۈنى ئۇ پەلەستىن دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، ئارقىدىن ئىئوردان دەرياسى غەربىي قىرغىقىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ھېبرون ئەتراپىدىكى بىر كەنتكە ئېلىپ بېرىلدى ھەم ئۇ يەردە ھېبرون شەھىرى يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قىزنىڭ ئىسمى دىما ۋوۋى بولۇپ، ئىسرائىلىيە قاماپ قويغان يېشى ئەڭ كىچىك پەلەستىنلىك قىزچاق ئىكەن.
«تۈرمىدىن چىقىپ بەك خۇش بولدۇم، تۈرمە ياخشى ئەمەس ئىدى» دېدى ۋوۋى مۇخبىرغا، «تۈرمىدە ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم ۋە ئۆيۈمدىكىلەرنى سېغىندىم». ۋوۋى ئىلگىرى يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، قولغا ئېلىنغان ئىدى.
بۇ يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ۋوۋى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بىر يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇ قولىدا بىر خەنجەر تۇتۇپ تۇرغاندا بايقالغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ قەستلەشكە ئۇرۇنۇش ۋە خەنجەر ساقلىغانلىق جىنايىتىگە ئىقرار بولغان ھەم تۆت ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئالتە ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان.
ۋوۋىنىڭ ئادۋوكاتى تالىك بارگۇتنىڭ دېيىشىچە، ۋوۋىنىڭ ئاقلىغۇچىلار گورۇپپىسى ئىسرائىلىيە ھەربىي سوتىدىن ۋوۋىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن، سوتمۇ قوشۇلغان. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، يېشى 12گە توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەيىپلەش ئوبيېكتى بولالايدىكەن.
ئىسرائىلىيە تەرەپ ھازىرغىچە 450 پەلەستىنلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 100 كىشى 16 ياشتىن تۆۋەن ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى