باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلمايمىز، دېدى

2016.04.26 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت: بېرلىندىكى بىر مۇساپىرلار لاگىرىدا بىر مۇساپىر يانفونىدا مېركىل بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى 23-ئاپرېل تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، مۇساپىرلار مەسىلىسى ئۈستىدە تۈركىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشتى. تۈركىيە زوڭلىسى داۋۇتئوغلى ھەيۋە بىلەن: ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، تۈركىيە ئاھالىسىگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى كېچىكتۈرسە، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى قايتۇرۇۋەتكەن مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ، دېدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ھاسىل قىلغان كېلىشىمىگە ئاساسەن، تۈركىيە تەرەپ نەچچە مىليارد ياۋرولۇق تولۇقلىما، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى قايتا باشلاش شەرتى بىلەن، قايتۇرۇلغان مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىش ۋە مۇساپىرلارنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدى.

  تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بېسىم قىلىپ، كېلىشىم ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، تۈركىيە تەرەپ بارلىق ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى، تۈركىيە تەرەپ پۇل ئالالمىدى، يەنە ۋىزا كەچۈرۈمىگىمۇ ئېرىشەلمىدى، دېدى.

  كېلىشىم بويىچە، تۈركىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئەڭ كېيىن بولغاندا 6-ئايدىن باشلاپ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، بىراق ھازىرقى ئىلگىرىلەش بويىچە بولغاندا، بۇ پىلان بەلكىم ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئېشىشى تەستەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش بەلكىم خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دەپ قاراشتى. تۈركىيە تەرەپنىڭ 72 تۈرلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك ئىدى، بىراق ھازىرغىچە ئاران تەلەپنىڭ يېرىمى ئورۇندالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر