باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ جايلار تور ئارقىلىق ماشىنا كېلىشىشنى تەرتىپكە سېلىپ، قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى

2016.04.28 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شېنجېن، گۇاڭجۇ، خاڭجۇ، شاڭخەي قاتارلىق جايلار تور ئارقىلىق ماشىنا كېلىشىشنى نۇقتىلىق تەرتىپكە سالدى. «تور ئارقىلىق كىرا ئاپتوموبىلى كېلىشىش تىجارەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» چىقىرىلمىغان ئەھۋالدا، جايلارنىڭ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى قېلىپلاشتۇرۇشىمۇ ياكى بېسىم ئىشلىتىشمۇ، باشقۇرۇش چارىسى قاچان چىقىرىلىدۇ قاتارلىقلار بازارلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، جايلار تور ئارقىلىق ماشىنا كېلىشىشنى تەارىپكە سېلىش تەدبىرى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتكە مەركەزلەشكەن:

  −−باشقا جاينىڭ نومۇر تاختىسى بار ئاپتوموبىلىنى تور ئارقىلىق كېلىشىشنى ئېنىقلاش.

  مۇخبىرنىڭ گۇاڭجۇ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، قاتناش كومىتېتى تور ئارقىلىق ماشىنا كېلىشىشتىكى كۆزنەك كارخانىلار بىلەن تۆت قېتىم كېلىشىپ سۆھبەتلەشتى، بۇنىڭ ئۈچ قېتىمىدا گۇاڭجۇدىن باشقا جايلارنىڭ نومۇر تاختىسى بار مەخسۇس ئاپتوموبىللارنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىندى. بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تور ئارقىلىق كېلىشىدىغان كۆزنەك كارخانىلار ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گۇاڭجۇ رايونىدا تور ئارقىلىق كېلىشىدىغان باشقا جاينىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئېنىقلانغان.

  −−شوپۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش.

  بەزى جايلاردا تور ئارقىلىق كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى يولۇچىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكتىن، شېنجېن، خاۇڭجۇ قاتارلىق جايلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شوپۇرلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە قاراتتى.

  −−قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتى بويىچە تور ئارقىلىق كېلىشىدىغان شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش.

  كۆزنەك كارخانىلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بازارلاردىكى تىزىمغا ئالدۇرغان شەخسىي ئاپتوموبىل ٪85 تىن ئاشىدىكەن، مۇخبىرنىڭ قاتناش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، تور ئارقىلىق كېلىشىدىغان ئاپتوموبىللار بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، جايلار بەزىدە قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ تەرتىپكە سالغان.

  شاڭخەي شەھەرلىك قاتناش كومىتېتى قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا قانات يايدۇرۇلغان قانۇنسىز يولۇچىلار تىرانسپورتىنى نۇقتىلىق تەرتىپكە سېلىشتا، تور ئارقىلىق كېلىشىدىغان شەخسىي ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، تەكشۈرۈلگەن شوپۇرلارغا 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتناش قانۇنىنى ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار كۆزنەك كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەنە 100 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويغان. تونۇشتۇرۇشىچە، شاڭخەي شەھىرى يوبۇ، شېنجۇ قاتارلىق نەچچە چوڭ كۆزنەك كارخانىمۇ تەكشۈرىدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر