باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مەھكىمە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 59 رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىشخانىلىرىنى تەڭشىدى

2016.04.28 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە بۈگۈن «دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆلچەم بويىچە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھكىمە دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى تەڭشەلدى. ئىدارە رەھبەرلىرى ئىشخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەم بويىچە سەپلەندى. مەھكىمە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 59 رەھبىرىي كادىرنىڭ ئىشخانىلىرى تەڭشىلىپ، 90نى بىكار قىلىندى. دۆلەت تەكشۈرۈش ئەترىتى سىستېمىسى بەلگىلىمە بويىچە ئىشخانىغا ئىشلىتىدىغان ئۆينى تەكشۈرۈشكە قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بەلگىلىمە بويىچە بولمىغان 663.6 كىۋادرات مېتىر ئىشخانا قايتۇرۇۋېلىندى. ئىشخانا ئۆيلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ھېسابات ئورنى قۇرۇلۇپ، ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر