باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى «پارىژ كېلىشىمى» ئىمزالاش ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇراسىمىغا قاتناشتى

2016.04.26 13:56   مەنبە: خەلق تورى

جاڭ گاۋلى «پارىژ كېلىشىمى» ئىمزالاش ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇراسىمىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى جاڭ گاۋلى 22-ئاپرېل نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا «پارىژ كېلىشىمى» ئىمزالاش ئالىي دەرىجىلىكلەر مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگوغا ۋاكالىتەن «پارىژ كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. جاڭ گاۋلى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا «<پارىژ كېلىشىمى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل ماكانىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» تېمىدا سۆز قىلدى.

  جاڭ گاۋلى سۆزىدە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ مەقسىتى «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى كۈچەيتىش بولۇپ، 2020-يىلدىن كېيىنكى يەرشارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تەرەقققىياتنىڭ سىخېمىسى ۋە كېلەچىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ كىلىماتنى تۈزەش تارىخىدىكى ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …