باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسىدىسى ___ «يۇرت مۇھەببىتى»

2016.04.28 13:38   مەنبە: خەلق تورى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەسىدىسى ___ «يۇرت مۇھەببىتى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) كىچىكىمدە دادامنىڭ چۆچەكلىك دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق، تاتار تىللىرىدا گارمۇن، گېتتاردا جېرلاۋاتقىنىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ شۇنچە كۆپ تىل بىلىدىغانلىقىغا ھەيران قالسام، كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندا تونۇشقان چۆچەكلىك ساۋاقداش ۋە دوستلارنىڭمۇ قازاقچىغا ناھايىتى ئۇستىلىقىنى، نۇرغۇن گەپلىرى ئارىسىغا قازاق، تاتار، رۇسچە گەپلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن مىللەت بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بولغان ھۈرمىتىم ئاشقانىدى، ھالبۇكى 20 - ئاپرېل شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرىدا ئوينالغان بىر مەيدان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئوقۇلغان قەسىدە __ «يۇرت مۇھەببىتى» ناملىق ناخشا - مۇزىكىلىق ئوپېرانى كۆرۈپ، قاتتىق ھاياجانلاندىم.

  شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك رېژىسسورى شا لىچيۇڭ باش رېژىسسورلۇقنى قىلغان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى ئورۇندىغان «يۇرت مۇھەببىتى» ناملىق ناخشا - ئۇسۇللۇق دىرامىدا چۆچەكتە توي قىلىپ ياشاۋاتقان رۇس مىللىتىدىن بولغان بىگا ۋە نىشا ئۆزلىرىنىڭ 50 يىللىق ئالتۇن توي مەرىكىسىنى تەبرىكلىگەن كۈنىدە خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، تاتار، رۇس، قىرغىز، داغۇر، شىبە، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان قولۇم -قوشنىلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان ئېسىل تائاملار، ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن تويىنى تەبرىكلەيدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرى ئارقىلىق بۇ ئائىلىۋى يىغىلىشنى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق خۇشاللىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا چۆچەكلىكلەرنىڭ خاتىرجەم، ئىناق تۇرمۇشىنى بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى پائالىيىتى ئارقىلىق يورۇتىدۇ. تارباغاتايدا ياشاپ كېلىۋاتقان قازاق، خەنزۇ، تاتار، ئۇيغۇر، رۇس، داغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھىكايە، ئۇسۇل، ناخشا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چۆچەكتىكى «سېنىڭ قەلبىڭدە مەن بار، مېنىڭ قەلبىمدە سەن بار» دېگەندەك چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە، چۆچەكتىكى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا قەسىدە ئوقۇيدۇ.

  ئوپېرادا ھەرمىللەتنىڭ چۆچەكچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى، ناخشا - ئۇسۇللىرى، چالغۇلىرى تولۇق يورۇتۇلۇپ، ئوپېرانىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇلغان، ھەرمىللەتنىڭ ئۆزگىچە بەخت تىلەش ناخشىسى، ئۇسۇلى، مۇزىكىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىناق، بەختىيار زامانغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئوپېراغا 60 دىن ئارتۇق ئارتىس قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ۋە سەنئەت قابىلىيىتى بار كىشىلەردىن تاللانغان بولۇپ، ئىشتىن سىرتقى ئارتىسلار %70 نى ئىگىلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى
      ·جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم–پەن تەتقىقات مەركىزى قۇردى
      ·ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىستودېنتلارنىڭ 3-قېتىملىق «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى يولغا قويۇلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى ئوخشاش ئورۇندىكىلەرنىڭ سىناق مەز…
      ·بۇ يىل شىنجاڭدا 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
      ·«ئاپتونوم  رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىم…
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر قېتىملىق چوڭ ئىسلاھاتنى كۈتۈۋالدى
      ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى…