باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئاۋسترالىيەدىكى ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2016.04.28 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 27-ئاپرېل ئاۋسترالىيە دېپلوماتىيە-تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئەقىل ئامبىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن نەچچە مەيدان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى، سودا-ھەمكارلىقى، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە دىن سىياسىتى، تېررورلۇققا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تۇنجى قېتىم ئاۋسترالىيە دېپلوماتىيە-تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئاۋسترالىيە تەرەپ شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئورنى ۋە رولىغا، جۇڭگو-ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ ئاۋسترالىيەنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر