باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلپىننىڭ چامغۇر مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۇچقۇن تۈرىدىكى پاتېنتلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى

2016.04.28 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يەنىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت كەلپىن چامغۇرىدىن پايدىلىنىپ، تېخنىكا ئارقىلىق چامغۇرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، چامغۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇشۇمچە قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چامغۇر مۇرابباسى، چامغۇر CA تابلىتكىسى، چامغۇر كاپسۇلى قاتارلىق يەتتە خىل يېڭى مەھسۇلات مەملىكىتىمىز بازارلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، بۇلتۇر بىر يىلدا قىلغان يىللىق كىرىمى 9 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شياڭ شياۋدوڭ مۇنداق دىدى: بىزدە ھازىر تۆت خىل مەھسۇلاتنىڭ پاتېنت ھۇقۇقى بار، شىركىتىمىز چامغۇر مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، چامغۇرنىڭ دورىلىق قىمىمىتىنى يەنىمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دوختۇرخانىلار ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىشقا قۇلايلىق شارائىت ياراتتۇق. بىز تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن چامغۇرنىڭ ئۆسمە، راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، بىز كەلگۈسىدە چامغۇر مەسۇلاتلىرىدىن دورا ياساپ، تېخىمۇ كۆپ كىشلەرگە تۇنۇشتۇرىمىز.

  ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تېببىي ئونىۋېرسىتېتى، پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ دورا تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلاشقان بىر قانچە يىل ئىچىدە، پاتېنت ھۇقۇقىغا ئېرىشكەن چامغۇر مەھسۇلاتلىرى بارغانسىرى كۆپىيىپ، يىللىق كىرىمىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كارخانا ئۆزى بەرپا قىلغان چامغۇرلۇق يېرى 1000 مودىن ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن كارخانىنىڭ چامغۇرغا بولغان ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە چامغۇر مەھسۇلاتلىرنى يۇقىرى باھادا سېتىپ چىقىرىپ، ھەر مو يەردىن قىلغان كىرىمنى 4000 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئائىلە كىرىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرۈتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر