باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ: باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى تىرىشىپ روياپقا چىقىرىش كېرەك

2016.04.27 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-ئاپرېلدىن 26-ئاپرېلغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ، ئۆلكە باشلىقى يى لىنىڭ ھەمراھلىقىدا يائەن، چېڭدۇ شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، بۇ قېتىملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. لى كېچياڭ «كاڭيۈەن» ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەيدانىغا بېرىپ، بۇ يەرنىڭ كۆلەملىك باشقۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا «ھاللىق بولۇش»نى ياخشى ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن بازارنى يېشىل، ساغلام دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە، يەنە بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  لى كېچياڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ كۆپ تەرەپتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ داۋاملىق پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تايانچ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر