باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2016.04.25 13:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئاپرېل تۇنجى «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى»دە مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، 60 يىلدىن بۇيان ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىنسانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ، ئالەم قاتنىشى سېپىدىكى بارلىق يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  جايلار تۇنجى «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى»دە «جۇڭگو ئارزۇسى. ئالەم قاتنىشى ئارزۇسى»نى باش تېما قىلىپ بىر قاتار پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

  ئېلىمىز 1970-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇنجى «شەرق قىزاردى 1-نومۇر» ناملىق يەر شارى سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ كائىنات سىرىنى ئىزدەپ، ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ پايدىلىنىپ، خەلققە بەخت يارىتىشنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. 2016-يىلى 3-ئايدا مەركەزنىڭ تەستىقلىشى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋاب بېرىشى بىلەن، 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» قىلىپ بېكىتىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر