باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالما شىركىتى 13 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار كەسىپ نەتىجىسىنى ئاشكارىلىماقچى

2016.04.27 18:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماتېرىيال سۈرەت

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئالما شىركىتى 26-ئاپرېل ئالدىنقى پەسىللىك كەسىپ نەتىجىسىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر تورى (CNN)نىڭ 25-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى سېتىش سوممىسى ۋە پايدىسىنىڭ تەڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى جاكارلىشى مۇمكىن ئىكەن. CNN باھا بېرىپ، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر كارخانىدا بۇنداق نەتىجىنىڭ كۆرۈلۈشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، دېدى. ئالما شىركىتى ئالدىنقى قېتىم 2003-يىلى بىرىنچى پەسىلدە پەسىللىك سېتىش خىزمەت نەتىجىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ۋال كوچىسى ئانالىزچىلىرى ھەتتا تېخىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يەنى ئالما شىركىتىنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك سېتىش نەتىجىسىدە ئىككى خانىلىق ئازىيىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىدى. 2001-يىلى كۈزدىن بۇيان، ئالما شىركىتىدە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر