باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ېيجىڭدا ۋاكسىنىنى سوغۇق ساقلاش تېمپېراتۇرىسىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى

2016.04.28 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى يىل ئاخىرغىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ۋاكسىنا بىلەن ئەملەش يىرىك پىلانى 17 خىلغا يەتكەن بولۇپ، (بۇنىڭ ئىچىدە تۆت خىلى جىددىي ئەملەش، 12 خىلى ئادەتتىكى ئەملەش ۋاكسىنىسى، بىر خىلى پەسىللىك ئەملەش ۋاكسىنىسى ئىكەن)، بۇنىڭ بىلەن 17 خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ھازىر بېيجىڭ شەھىرىدە ئىممۇنىتېتلىق ئالدىنى ئېلىش- ئەملەش بويىچە 533 ئامبۇلاتورىيەدە ئالدىنى ئېلىش-ئەملەش ئۇچۇرلىرىنى كومپيۇتېردا تورلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەر يىلى ئالدىنى ئېلىش بويىچە ۋاكسىنا ئەملەش سانى 10 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  ھازىر شەھەر بويىچە 10 رايوندا نۇقتا قۇرۇپ سىناق قىلىپ، سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى. ئامبۇلاتورىيە خىزمەتچىلىرى ھەر ۋاقىت سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسى ئىچىدە ساقلاقلىق ۋاكسىنىنىڭ تېمپېراتۇرا ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تېمپېراتۇرا كۆزىتىش سەزگۈرلۈكىنى ئۆستۈرەلەيدۇ . 2016 -يىلى بۇ تۈر خىزمىتى شەھەردىكى بارلىق رايوندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر