باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىخەتەرلىك ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ ساياھەتكە چىقىشىنى قاتتىق كونترول قىلدى

2016.04.28 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ئاپرېل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «1 - ماي » مەزگىلىدە، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى تەشكىللەشنى قاتتىق كونترول قىلىشىنى ئۇقتۇردى. ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى قاتناش - يول يۈرۈش جەھەتتە، تەۋەلىكىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەتىيازلىق ساياھەت قاتارلىق مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىگىلەپ، ئاپتوموبىل، لىنىيە ۋە شوپۇرنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تەستىقلانغان كوللېكتىپ ئەتىيازلىق ساياھەت پائالىيىتى « كىم تەستىقلىسا، شۇ مەسئۇل بولۇش»، « كىم تەشكىللىسە، شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر