خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 27 – ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئېرىق يېزىسى پاۋانلا كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ كەنتكە 3 - قېتىم «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپلا توغرا ئىدىيە قارىشىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن كەنتكە چۈشكەندىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشقا باشاپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى نۇقتىلىق مەدەنىيەت كارخانىلىرى بىلەن بىرگە قول تۇتۇشۇپ ياراتقان بىر چوڭ ئىش تۈرى ___ شىنجاڭ يېزا، كەنت ياشلىرى - ئۆسمۈرلىرىنىڭ كارتون كۆرۈش، بىلىش ئۆيى 27 - ئاپرېل كەنت كومىتېتىدا رەسمىي قۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسى كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن ئائىلىلەرنى ئارىلاش، ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا قانداق قىلىپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيە تەشۋىقاتى، تەربىيە خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشتىن، دەرستىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. كارتوننىڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تەسىرى بارلىقىنى چىقىش قىلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى نۇقتىلىق مەدەنىيەت كارخانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئېسىل كارتون ئەسەرلەرنى ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە كۆرگەزمە قىلىپ، ئۇلارغا بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئېچىپ ئىشتىن، دەرستىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيتقان.
___ بىز شىنجاڭدىكى بۇ تۇنجى يېزا، كەنت ياشلار - ئۆسمۈرلەر كارتون كۆرۈش، بىلىش ئۆيىگە 16 يۈرۈش كارتون فىلىمى سوۋغا قىلدۇق، ئىككى يۈرۈش كارتون كۆرۈش سېستىمىسى ئورنۇتۇپ بەردۇق. ئېسىل كارتون فىلىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا، يېزا - كەنتلەرگە كىرىشى بالىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، ئۇلارغا يەنە زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ، كارتون فىلىملەرنىڭ سېھرىنى نامايەن قىلدۇرىدۇ،- دېدى بۇ قۇرۇلۇشقا ياردەم قىلغان شىنجاڭ «دايا مەدەنىيىتى» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خې جيا ماڭا تېلېفوندا.
___ مۇنەۋۋەر بىر كارتون فىلىمدە توغرا ئېنېرگىيەنى، تىرىشچانلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشىنى نامايەن قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە زور رول ئوينايدۇ. بىز بۇ خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن كەنتكە چۈشكەندىن باشلاپلا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باش تېما قىلىپ تۇتۇپ، كارتون كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامما ياخشى كۆرۈدىغان ۋاسىتە ئارقىلىق بۇنى ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە قاراتقان تەشۋىقات، تەربىيە خىزمىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق مەدەنىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، «مەدەنىيەت ئاچقۇچى» بىلەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا ئىزدەندۇق، بۇ ئىدىيە بىلەن كەنت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىپ، مەدەنىيەت كەيپىياتى يۇقىرىلىدى،- دېدى مەدەنىيەت نازارىتىدىن چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى شۈ رۈيجۈن تېلېفۇندا ماڭا،- خىزمەت گۇرۇپپىمىز بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ياشلار - ئۆسمۈرلەر توپىنى چىڭ تۇتۇپ، سېرىك سىنىپىدا تەربىيىلەش، قوش تىللىق كېچىلىك سىنىپى ئېچىش، يېزا - كەنت ياشلىرى - ئۆسمۈرلىرىنىڭ كارتون كۆرۈش، بىلىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق زامانىۋى ئۇسۇللار ئارقىلىق ياشلار - ئۆسمۈرلەرگە تەسىر قىلىپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ قوشۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى