باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بۇ يىللىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلدى: داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش-دورىگەرلىكنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.04.27 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «داۋالاش-دورىگەرلىك ۋە سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ 2016-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خىزمەت ۋەزىپىسى» دېيىلىدۇ) » نى تارقاتتى. 2016-يىلى، نۇقتىلىق رايون ۋە مۇھىم ھالقىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش-دورىگەرلىك قاتارلىق ئۈچ تۈرنى يەنىمۇ ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىلىك كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «خىزمەت ۋەزىپىسى» دە كۆرسىتىلگەن 2016-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى: بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەتدوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتا شەھىرىنى 200 گە كېڭەيتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنداقلا جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي ياردەم بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتات ۋە كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش-سەھىيە كەسپى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. داۋالاش خىراجىتىنى نامۇۋاپىق ئۆستۈرۈشنى قاتتىق تىزگىنلەپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ٪70 ئەتراپىدىكى ۋىلايەت، شەھەرلەردە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشنى نۇقتىدا سىناش كېرەك. ئائىلە دوختۇرلىرى ئىمزالىشىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى كېڭەيتىپ، 200 ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتا شەھىرىدە، ئائىلە دوختۇرلىرى ئىمزالىشىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى، داۋالاش چىقىمى قاتارلىق يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئومۇمىي خەلق داۋالاش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مۇقىم، سىجىل مەبلەغ توپلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى تەڭشەش مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسى تورىنى مەملىكەت بويىچە بىرلەشتۈرۈشنى باشقا جايلاردا داۋالىنىپ ئاتچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، 2017-يىلىغا بارغاندا، يۆتكەپ داۋالاش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا جايلاردا بالنىستىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەل بىلەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىش ئوبيېكتلىرى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەر-يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، دورا باھاسى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروتىنىڭ يېڭى تەرتىپنى بەرپا قىلىپ، دورا بىلەن تەمىنلەش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر