- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى
2016.04.27 14:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى 1 - پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى داۋاملىق پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشنى ساقلاپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ماس قەدەمدە ئاشقان.بۇلار ئىچىدە، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7107 يۈەن، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە % 8.3 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1296 يۈەن بولۇپ، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلىيەتتە % 8.3 ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن يۈجېن مۇنداق دىدى: شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمنىڭ يىلنىڭ بېشىدا ئېشىشىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، بىرىنچىسى، ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىم،كۆچمە ساپ كىرىمىنىڭ ئېشىشى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق تىرەش نۇقتىسى بولغان؛ ئىككىنچىسى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىشىدا يېڭى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالغان؛ 3 - كەسىپنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم % 17 ۋە % 15.4 كە يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر