باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرنى جازالاشتىكى ئاجايىپ-غارايىپ چارىلىرى

2016.04.27 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاراق كىشىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كۆڭلىنى ئازادە قىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، ماشىنا سىرتلارغا چىقىشتىكى زۆرۈر قاتناش قورالى، ھەر ئىككىلىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نەرسە بولۇپ، ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدۇ. بىراق ئىككىسى بېرىكىپ «ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش» بولسا پۈتۈن دۇنيانى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان «يولدىكى قاتىل» بولۇپ قالدى. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشنىڭ خەۋپىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى دۆلەتلەر «ئېغىر جازالاش»تىن باشقا يەنە كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ھەرخىل ئۇسۇللارنى ئويلاپ تاپتى.

  كورىيە: جىنايەت ئۆتكۈزۈش قېتىم سانى كۆپ بولغانلارنىڭ ماشىنىسىنى مۇسادىرە قىلىش، ماشىنىدىكى باشقىلارنىمۇ قوشۇپ جازالاش

  كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورېيەدە يېقىندا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى ۋە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، لايىھە 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. كونكېرت مەزمۇنى: ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ باشقىلارغا زىيان كەلتۈرگەن، ھەتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا، تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىدۇ؛ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ جىنايات سادىر قىلغانلارنىڭ ماشىنىسىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەر ئوخشاشلا جىنايى ئىشلار بويىچە جازالىنىدۇ.

  باھا: ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن، يېڭى ماشىنا ئالغۇدەك پۇلىڭىز بار-يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ.

  ئاۋسترالىيە: ھەقسىز باش ئىستون خەۋىرىگە چىقىسىز

  ئاۋسترالىيەدە قانچە تەربىيە قىلسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەيدىغانلارغا قارىتا ئالاھىدە جازالاش چارىسى بار، ئۇ بولسىمۇ باش ئىستون خەۋىرىگە چىقىرىش. ساقچى تەرەپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى شۇ جايدىكى گېزىتتە ئېلان قىلىدۇ. ئۇقتۇرۇش ناھايىتى تەپسىلىي بولۇپ، ئىسىم فامىلىسى، يېشى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلاردىن باشقا يەنە ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ تىپى ۋە نومۇرى، تۇتۇلغان جاي، تۇتۇلغان چاغدىكى قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى، شوپۇرنىڭ يېقىنقى سۈرىتى قاتارلىقلار بار.

  باھا: يۈز-ئابرويىغا بەك دىققەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ جازا جەرىمانە ۋە نومۇر تۇتۇشتىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك ھېسابلىنىدۇ.

  ياپونىيە: ماشىنا تەمىنلىگۈچى، ھاراق تەمىنلىگۈچى قاتارلىقلار ئوخشاش جازالىنىدۇ

  ياپونىيەدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 يىل قاماقتا ياتىدۇ ياكى 9000 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە تۆلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە «ماشىنا تەمىنلىگۈچى»، «ھاراق تەمىنلىگۈچى» ۋە «ماشىنىدىكى باشقىلار» قاتارلىقلارمۇ مۇناسىپ جازالىنىدۇ.

  مەسىلەن ماشىنىدا بىللە ماڭغانلار ۋە ھاراق بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە قارىتا، ئەگەر ماشىنا ھەيدىگۈچى مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ ياكى 500 مىڭ ياپونىيە يىنى جەرىمانە تۆلەيدۇ؛ ئەگەر ھەيدىگۈچى ئازراق ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەن بولسا، ئۇلار ئىككى يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى ياكى 300 مىڭ يىن جەرىمانە تۆلەيدۇ.

  باھا: ھەتتا دوست-بۇرادەرلەرنىمۇ چېتىۋالىدىغان ئىشنى يەنە كىم قىلىشقا پېتىنالايدۇ؟

  مالايسىيا: ئېرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە، خوتۇنى «يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيدۇ»

  مالايسىيادا ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرگە قارىتا ئۆزگىچە جازالاش ئۇسۇلى بار، مەلۇم بىر ئەرنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى بايقالسا، ساقچى تەرەپ ئۇنى دەرھال قولغا ئالىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئايالىنىمۇ بىرگە قاماقخانىغا ئاپىرىپ، ئايالىغا كېچىچە ئېرىگە تەربىيە قىلغۇزىدۇ.

  باھا: قاماقخانىغا كىرىڭ، بىر! كېچىچە خوتۇنىڭىزنىڭ تەربىيەسىنى ئاڭلاڭ، بىر! ئەر كىشىگە بۇنىڭدىن ئارتۇق جازا بارمۇ؟

  كانادا: ھەمتۈرتكلىك ئوت ئالدۇرۇش قۇلۇپى مەجبۇرىي ئورنىتىلىدۇ

  كانادانىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر بىرىنچى قېتىم مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش جىنايىتى تۇرغۇزۇلغاندا «ھەمتۈرتكىلىك ئوت ئالدۇرۇش قۇلۇپى»نى مەجبۇرىي ئورنىتىپ، بىر يىل پۈۋلەيدۇ؛ ئىككىنچى قېتىم مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەش جىنايىتى تۇرغۇزۇلغاندا، ئۈچ يىل پۈۋلەيدۇ؛ ئۈچىنچى قېتىم بولسا، بىر ئۆمۈر پۈۋلەيدۇ.

  نېمىنى پۈۋلەيدۇ؟ ھەر قېتىم ماشىنىنى ئوت ئالدۇرماقچى بولسا، شوپۇر ماشىنىدىكى ئۈسكۈنىگە پۈۋلەيدۇ، ئەگەر قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرت قۇيۇقلۇقى 0.02دىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۈسكۈنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ساقچىلارنى ۋە باشقا شوپۇرلارنى ئەسكەرتىدۇ.

  باھا: ھاراق ئىچكەن بولسىڭىز، ماشىنىڭىز قوزغالماي تۇرۇپلا، ساقچى ۋە باشقا شوپۇرلار بىلىپ بولالايدۇ.

  ئامېرىكا: جەسەت ئۆيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىدۇ

  ئامېرىكىدا ئەگەر مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ تۇتۇلۇپ قالسىڭىز، بىر قاتار جەرىمانە ۋە قاماقتا يېتىشتىن باشقا يەنە، دوختۇرخانىغا بېرىپ، مەخسۇس قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسىز ھەم قاتناش ۋەقەسى ھەققىدىكى فىلىملەرنى كۆرىسىز. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ھەتتا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۇزاق ۋاقىتقىچە مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەشنى ئۆزگەرتمىگەنلەر يەنە جەسەت ساقلاش ئۆيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق تەربىيەگە ئىگە قىلىنىدۇ.

  باھا: يۈرەكلىك بولمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىمەڭ، ئۆلۈكنى كۆرۈش ئۇنچە قىززىق ئەمەس.

  گېرمانىيە: مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدەپ كۆپ قېتىم ۋەقە سادىر قىلغانلارنىڭ ياۋروپادا بىر ئۆمۈر ماشىنا ھەيدىشى چەكلىنىدۇ

  گېرمانىيەدە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرگە بولغان جازا ۋەقە سادىر قىلىش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئېغىرلىشىدۇ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا ھەيدىگۈچىنىڭ بىر ئۆمۈر ماشىنا ھەيدىشى چەكلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، گېرمانىيەدە ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنسە، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاشلا ماشىنا ھەيدىشى چەكلىنىدۇ.

  باھا: ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز، پۈتۈن ياۋروپا سىزنى قارشى ئالمايدۇ.

  ھىندىستان: كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا تەكشۈرۈلىدۇ

  تەكشۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا قاۋاقخانىغا بارىدىغان %90كە يېقىن خېرىدار ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ئۆيىگە قايتىدىكەن، بۇ، قاتناش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ چوڭ بىر سەۋەبى ئىكەن. يېڭى دېھلى ئالىي سوتى بۇ ئەھۋالغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەيدىغان تاماشا سورۇنلىرىدىن ئۆيىگە قايتىدىغانلارغا قارىتا ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىشنى، يەنى قاۋاقخانا ۋە ئاشخانىلارنىڭ سىرتىدا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرتنىڭ قۇيۇقلۇقىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  باھا: بىرنى كۆرسە بىرنى تەكشۈرىدۇ، تېخى ماشىنىغا چىقمايلا تەكشۈرۈلىدۇ.

  تۈركىيە: 20 كىلومېتىردىن كۆپ مەجبۇرىي پىيادە ماڭدۇرۇلىدۇ

  تۈركىيەنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەرگە قوللانغان جازاسى بىر ئاز ئالاھىدە. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەر ئادەتتىكى جازادىن باشقا، ساقچىلار ئۇلارنى يالاپ شەھەر سىرتىدىكى 20 كېلومېتىردىن يىراق جايلارغا ئاپىرىپ، ئۇلارنى شەھەرگە پىيادە مېڭىپ قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلايدۇ.

  باھا: ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلەر ھەقسىز بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، پەقەت شۇ ھەرىكەت مىقدارى سەل ئېغىر بولىدۇ.

  سىنگاپور: قايتا-قايتا ئۆزگەرتمىگەنلەر قامچا يەيدۇ

  قامچىلاش جازاسى سىنگاپوردىلا بار بولغان جازالاش بولۇپ، دۇنيادىمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ. سىنگاپوردا ئەگەر ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ، قايتا تۇتۇلۇپ قالسا، ئۇنداقتا قامچىنى تازا يەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 3000دىن 10 مىڭغىچە سىنگاپور دوللىرى جەرىمانە تۆلەپ، بىر يىل قاماقتا ياتىدۇ.

  باھا: قامچىلاشنى ھازىرقى زامان ئادەملىرى كۆتۈرەلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر