باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەزمە مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۈچ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇردى

2016.04.26 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ 22-ئاپرېل ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ كەزمە مۇلازىمىتى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش، مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاش ئىسلاھاتى قاتارلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۈچ چوڭ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

  مەملىكەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەزمە مۇلازىمىتى 2017 - يىلى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ

  لى جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى باشقا يۇرتلارغا ئورۇنلاشقان پىنسىيۇنېرلارنىڭ بالنېستتا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راست چوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، 2017-يىلىغا بارغاندا، دوختۇرخانا يۆتكىلىپ داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ باشقا جايلاردا داۋالىنىش بالنېست خىراجىتىنى بىۋاسىتە راست چوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ 27 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئۆلكە تەۋەسىدىكى بالنىست ھەققىنى ۋاقتىدا ھېسابلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن مەملىكەتتىن قارىغاندا، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ئېھتىياجى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن %10ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ بىرىنچى، شەھەر دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، باشقا جايدا داۋالىنىش مەسىلىسىنىڭ %60ى ھەل قىلىندى. ئىككىنچى ئۆلكە تەۋەسىدە باشقا جايدا داۋالىنىشنى ھەل قىلغاندا باشقا جايدا داۋالىنىش مەسىلىسىنىڭ %30ىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش. بۇ پەقەت %10نى ئىگىللىسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەل قىلىش قىيىنچىلىقى ئەڭ چوڭ مەسىلە. لى جۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، تېخنىكا ئۆلچىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالانغاندا ھېسابلىشىش سەھنىسىنى دۆلەت قاتلىمىدىن قۇرىمىز؛ ئىككىنچىدىن، ئايلانما مەبلەغ، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالىنىش تۈزۈمى قاتارلىق سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز: ئۈچىنچىدىن، يۆتكىلىپ داۋالىنىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش بالنىست ھەققىنى بىۋاسىتە ھېسابلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش تىجارىتى بۇ يىل باشلىنىدۇ

  لى جۇڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىش تىجارىتى ئۈسىتىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزمەكتە. بۇ، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش توختامى، سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھاۋالە قىلىشنى يىغىپ باشقۇرۇش چارىسى، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش ۋە دوكلات قىلىش تۈزۈمى، باشقۇرۇش ھاۋالە قىلىنغان ئورگان ۋە مەبلەغ سېلىش ئورگىنىنى تاللاش چارىسى، شۇنداقلا مالىيە بۇغالتىرلىقى ھىساباتى قىلىش تەپسىلىي قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ نەتىجە ئۈنۈم مائاشىنىڭ يىللىق ئۆلچىمى تېخى بېكىتىلمىدى

  لى جۇڭ مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ مائاشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز كارخانىسى مەسئۇللىرىنىڭ ئاساسىي يىللىق مائاشى ئالاقىدار مائاشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە تارقىتىلىدۇ، ئەمما نەتىجە ئۈنۈم مائاشىنىڭ يىللىق ئۆلچىمى تېخى بېكىتىلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر