- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋات ناھىيەسىدە 21 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلدى
2016.04.26 14:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىدە 1-ئايدىن 3-ئايغىچە 21 خەلق تۇرمۇشى تۈرى ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلۇپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نوقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ 17سىدە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش كۆلۈمى 81%گە يەتتى.
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دۆلەتلىك تۆت A دەرىجىلىك ساياھەت نوقتىسىدا قۇرۇلۇۋاتقان يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايۇنىنىڭ بىرىنچى قارارلىق تۈرى- ئاۋات ناھىيەسىنىڭ نوقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرىنىڭ بىرى بولۇپ،7 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلۈمى 4375 كىۋادرات مېتىر، ھازىرغا قەدەر بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى پۈتۈپ، 1-مايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش پىلانلانغان.
بۇ يىل ئاۋات ناھىيەسىدە 12 چوڭ تۈر بويىچە 21 نوقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قۇيۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 1 مىليارد 224 مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 234 مىليون
900مىڭ يۈەنى تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ 19.02%تى ئورۇندالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر