باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ: ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق مەنپەئەت دەۋاسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

2016.04.22 13:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەرزىيەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق مەنپەئەت دەۋاسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىدا ئىپادىلەنگەن گەۋدىلىك مەسىلىلىرىدە ھەم يېڭى، ھەم كونا، قىيىن مەسىلىلەر بار، لېكىن ھەممىسى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن، سىياسەت، ئىقتىساد، مەمۇرىيەت قاتارلىق ئۇسۇل ۋە مائارىپ، كېلىشتۈرۈش، يېتەكلەش قاتارلىق چارىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق مەنپەئەت دەۋاسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر