باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆرەلمىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى قانۇنسىز باھالىغانلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

2016.04.21 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا « تېببىي ئېھتىياجدىن باشقا سەۋەب بىلەن تۆرەلمىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى باھالاپ بېرىش ياكى جىنسىنى ئايرىپ بېرىپ، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» بېسىپ تارقىتىلدى، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەندىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە، تېببىي ئېھتىياجدىن ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى باھالاشتا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىشى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۈچتىن كۆپ كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ۋە تېببىي ئىرسىيەتشۇناسلىق بىلىمىگە ئىگە ھەم مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانى بار مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ تەكشۈرۈشى كېرەك؛ دىياگنوز قويۇپ، ھەقىقەتەن ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈۋېتىش توغرا كەلسە، تېببىي دىياگنوز دوكلاتىنى چىقىرىپ بېرىشى ھەم داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارمىقىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك؛ داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى خىزمەت سورۇنىدا تېببىي ئېھتىياجدىن باشقا سەۋەب بىلەن تۆرەلمىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى باھالاپ بېرىش ياكى جىنسىنى ئايرىپ بېرىپ، ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھامىلىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە كېرەكلىك دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىش جەھەتلەردە شەرتكە توشقان بولۇش ھەم مۇكەممەل بولغان خاتىرىسى ۋە دورا ئىشلىتىش ئارخىپى بولۇشى كېرەك، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر