خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى شى جىنپىڭ 20-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ھەربىي كومىتېت ۋە ئۇرۇش رايونىنىڭ ئىككى دەرىجىلىك بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىنى ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىش، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشتىن ئىبارەت يادرولۇق فۇنكسىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تىرىشىپ مۇتلەق سادىق، ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، ئۈنۈملۈك قوماندانلىق قىلىدىغان، ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئۇرۇش قىلسا چوقۇم غەلىبە قىلىدىغان بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، تىنچلىق مەزگىلى بىلەن ئۇرۇش مەزگىلى بىر گەۋدىلەشكەن، نورمال يۈرگۈزۈلىدىغان، مەخسۇس مەھكىمە باشقۇرىدىغان، قولىدىن ئىش كېلىدىغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلىك ئوپېراتسىيەگە قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھازىر، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، بىرلەشمە، ئۈنۈملۈك، كەسپىي، توغرا بولۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ئاخىرقى چەك ئېڭىدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەلىپىگە ماسلىشىپ، دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابىنىڭ ئېقىمىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماس كېلىدىغان، بۇرچ-ۋەزىپىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلغىلى بولىدىغان بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى